< ۋەھىي 21 >
ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم؛ چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولمىدى. | 1 |
Andin, yengi asman wǝ yengi zeminni kɵrdüm; qünki burunⱪi asman wǝ zemin ɵtüp kǝtkǝnidi, dengizmu mǝwjut bolmidi.
مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم. | 2 |
Muⱪǝddǝs xǝⱨǝrning, yǝni Hudadin qiⱪⱪan, huddi ɵz yigitigǝ toy pǝrdazlirini ⱪilip ⱨazirlanƣan ⱪizdǝk yengi Yerusalemning ǝrxtin qüxüwatⱪanliⱪni kɵrdüm.
ئەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماكانلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ. | 3 |
Ərxtin yuⱪiri kɵtürülgǝn bir awazning mundaⱪ degǝnlikini anglidim: «Mana, Hudaning makani insanlarning arisididur; U ular bilǝn billǝ makanlixip turidu, ular Uning hǝlⱪi bolidu. Huda Ɵzimu ular bilǝn billǝ turup, ularning Hudasi bolidu.
ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». | 4 |
U ularning kɵzliridiki ⱨǝr tamqǝ yaxni sürtidu; ǝmdi ɵlüm ǝsla bolmaydu, nǝ matǝm, nǝ yiƣa-zar, nǝ ⱪayƣu-ǝlǝm bolmaydu, qünki burunⱪi ixlar ɵtüp kǝtti».
تەختتە ئولتۇرغۇچى: ــ مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! ــ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، ــ دېدى. | 5 |
Tǝhttǝ Olturƣuqi: — Mana, ⱨǝmmini yengi ⱪilimǝn! — dedi. U manga yǝnǝ: Bularni hatiriliwal! Qünki bu sɵzlǝr ⱨǝⱪiⱪiy wǝ ixǝnqliktur, — dedi.
ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن. | 6 |
U yǝnǝ manga mundaⱪ dedi: — «Ix tamam boldi! Mǝn «Alfa» wǝ «Omega»durmǝn, Muⱪǝddimǝ wǝ Hatimǝ Ɵzümdurmǝn. Ussiƣan ⱨǝrkimgǝ ⱨayatliⱪ süyining buliⱪidin ⱨǝⱪsiz berimǝn.
غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ. | 7 |
Ƣǝlibǝ ⱪilƣuqi ⱨǝrkim bularƣa mirashorluⱪ ⱪilidu; Mǝn uning Hudasi bolimǝn, umu Mening oƣlum bolidu.
لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر». (Limnē Pyr ) | 8 |
Lekin ⱪorⱪunqaⱪlar, etiⱪadsizlar, yirginqliklǝr, ⱪatillar, buzuⱪluⱪ ⱪilƣuqilar, seⱨirgǝrlǝr, butpǝrǝslǝr wǝ barliⱪ yalƣanqilarƣa bolsa, ularning ⱪismiti ot bilǝn günggürt yenip turuwatⱪan kɵldur — bu bolsa ikkinqi ɵlümdur». (Limnē Pyr )
ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: ــ كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، ــ دېدى. | 9 |
Ahirⱪi yǝttǝ balayi’apǝt bilǝn tolƣan yǝttǝ qinini tutⱪan yǝttǝ pǝrixtidin biri kelip, manga sɵzlǝp: — Kǝl! Sanga Ⱪozining jorisi bolidiƣan ⱪizni kɵrsitip ⱪoyay, — dedi.
ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. | 10 |
Andin u meni Roⱨning ilkidǝ bolƣan ⱨalda yoƣan wǝ egiz bir taƣⱪa elip ⱪoydi. U yǝrdin manga Hudadin qiⱪⱪan muⱪǝddǝs xǝⱨǝr Yerusalemning ǝrxtin qüxüwatⱪanliⱪini kɵrsǝtti.
ئۇنىڭدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى بار ئىدى، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرنىڭ، يېشىل ياقۇتتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. | 11 |
Uningda Hudaning xan-xǝripi bar idi, uning julasi intayin ⱪimmǝtlik gɵⱨǝrning, yexil yaⱪuttǝk yaltiriƣan hrustalning julasiƣa ohxaytti.
ئۇنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى بار ئىدى؛ سېپىلنىڭ ئون ئىككى دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلاردا ئون ئىككى پەرىشتە تۇراتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. | 12 |
Uning qong ⱨǝm egiz sepili bar idi; sepilning on ikki dǝrwazisi bolup, dǝrwazilarda on ikki pǝrixtǝ turatti. Ⱨǝrbir dǝrwazining üstigǝ Israillarning on ikki ⱪǝbilisidin birining ismi yezilƣanidi.
مەشرىق تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، شىمال تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا ۋە مەغرىپ تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. | 13 |
Mǝxriⱪ tǝripidǝ üq dǝrwaza, ximal tǝripidǝ üq dǝrwaza, jǝnub tǝripidǝ üq dǝrwaza wǝ mǝƣrip tǝripidǝ üq dǝrwaza bar idi.
شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئىككى ئىسىم، يەنى قوزىنىڭ روسۇلىنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈكلۈكتۇر. | 14 |
Xǝⱨǝrning sepilining on ikki ul texi bolup, ularning üstigǝ on ikki isim, yǝni Ⱪozining rosulining isimliri pütüklüktur.
ماڭا سۆز قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭ سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان ئالتۇن قومۇش ئۆلچىگۈچ ھاسا بار ئىدى. | 15 |
Manga sɵz ⱪilƣan pǝrixtining ⱪolida xǝⱨǝrni, uning dǝrwaziliri wǝ uning sepilini ɵlqǝydiƣan altun ⱪomux ɵlqigüq ⱨasa bar idi.
شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ھاسا بىلەن ئۆلچىدى ــ ئون ئىككى مىڭ ستادىيون كەلدى (ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭدۇر). | 16 |
Xǝⱨǝr tɵt qasa bolup, uzunluⱪi bilǝn kǝngliki ohxax idi. Pǝrixtǝ xǝⱨǝrni ⱨasa bilǝn ɵlqidi — on ikki ming stadiyon kǝldi (uzunluⱪi, kǝngliki wǝ egizliki tǝngdur).
ئۇ سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ [قېلىنلىقى] ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى. | 17 |
U sepilnimu ɵlqidi. Sepilning [ⱪelinliⱪi] insanlarning ɵlqǝm birliki boyiqǝ, yǝni xu pǝrixtining ɵlqimi boyiqǝ bir yüz ⱪiriⱪ tɵt jǝynǝk kǝldi.
سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا يېشىل ياقۇتتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. | 18 |
Sepilning ⱪuruluxi bolsa yexil yaⱪuttin, xǝⱨǝr ǝynǝktǝk süzük sap altundin bina ⱪilinƣanidi.
شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇللىرى ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل ياقۇت، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، | 19 |
Xǝⱨǝr sepilining ulliri ⱨǝrhil ⱪimmǝtlik yaⱪutlar bilǝn bezǝlgǝnidi. Birinqi ul tax yexil yaⱪut, ikkinqisi kɵk yaⱪut, üqinqisi ⱨeⱪiⱪ, tɵtinqisi zumrǝt,
بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل قاشتاش، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى سۇس يېشىل ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى پىروزا ئىدى. | 20 |
bǝxinqisi ⱪizil ⱨeⱪiⱪ, altinqisi ⱪizil ⱪaxtax, yǝttinqisi seriⱪ kwarts, sǝkkizinqisi sus yexil yaⱪut, toⱪⱪuzinqisi topaz, oninqisi yexil kwarts, on birinqisi sɵsün yaⱪut wǝ on ikkinqisi piroza idi.
ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، دېمەك دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى. | 21 |
On ikki dǝrwaza on ikki mǝrwayit idi, demǝk dǝrwazilarning ⱨǝrbiri birdin mǝrwayittin yasalƣanidi. Xǝⱨǝrning ƣol yoli ǝynǝktǝk süzük sap altundin idi.
شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. | 22 |
Xǝⱨǝrdǝ ⱨeqⱪandaⱪ ibadǝthana kɵrmidim, qünki Ⱨǝmmigǝ Ⱪadir Pǝrwǝrdigar Huda wǝ Ⱪoza uning ibadǝthanisidur.
شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر. | 23 |
Xǝⱨǝrning yorutuluxi üqün ⱪuyaxⱪa yaki ayƣa moⱨtaj ǝmǝs, qünki Hudaning xan-xǝripi uni yorutⱪanidi, uning qiriƣi bolsa Ⱪozidur.
ئەللەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا يۈرىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار شانۇشەۋكىتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. | 24 |
Əllǝr xǝⱨǝrdiki yoruⱪluⱪta yüridu; yǝr yüzidiki padixaⱨlar xanuxǝwkitini uning iqigǝ elip kelidu.
ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى كۈندۈزدە ھەرگىز تاقالمايدۇ (ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە كېچە زادى بولمايدۇ). | 25 |
Uning dǝrwaziliri kündüzdǝ ⱨǝrgiz taⱪalmaydu (ǝmǝliyǝttǝ u yǝrdǝ keqǝ zadi bolmaydu).
ھەرقايسى ئەللەرنىڭ شانۇشەۋكىتى ۋە ھۆرمەت-ئىززىتى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. | 26 |
Ⱨǝrⱪaysi ǝllǝrning xanuxǝwkiti wǝ ⱨɵrmǝt-izziti uning iqigǝ elip kelinidu.
ھەرقانداق ھارام نەرسە ۋە ھەرقانداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغۇچى ياكى يالغانچىلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. | 27 |
Ⱨǝrⱪandaⱪ ⱨaram nǝrsǝ wǝ ⱨǝrⱪandaⱪ yirginqlik ixlarni ⱪilƣuqi yaki yalƣanqiliⱪ ⱪilƣuqi uningƣa kirǝlmǝydu; pǝⱪǝt nami Ⱪozining ⱨayatliⱪ dǝptiridǝ yezilƣanlarla kirǝlǝydu.