< ۋەھىي 20 >

ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. (Abyssos g12) 1
Et vidi Angelum descendentem de caelo, habentem clavem abyssi, et catenam magnam in manu sua. (Abyssos g12)
پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى. 2
Et apprehendit draconem, serpentem antiquum, qui est diabolus, et satanas, et ligavit eum per annos mille:
ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر. (Abyssos g12) 3
et misit eum in abyssum, et clausit, et signavit super illum ut non seducat amplius gentes, donec consummentur mille anni: et post haec oportet illum solvi modico tempore. (Abyssos g12)
ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى 4
Et vidi sedes, et sederunt super eas, et iudicium datum est illis: et animas decollatorum propter testimonium Iesu, et propter verbum Dei, et qui non adoraverunt bestiam, neque imaginem eius, nec acceperunt characterem eius in frontibus, aut in manibus suis, et vixerunt, et regnaverunt cum Christo mille annis.
(ئۆلگەنلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيدۇ). بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. 5
Ceteri mortuorum non vixerunt, donec consummentur mille anni: Haec est resurrectio prima.
دەسلەپكى تىرىلىشتىن نېسىۋە بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ كاھىنلىرى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ. 6
Beatus, et sanctus, qui habet partem in resurrectione prima: in his secunda mors non habet potestatem: sed erunt sacerdotes Dei et Christi, et regnabunt cum illo mille annis.
مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، 7
Et cum consummati fuerint mille anni, solvetur satanas de carcere suo,
يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلانغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولىدۇ. 8
et exibit, et seducet Gentes, quae sunt super quattuor angulos terrae, Gog, et Magog, et congregabit eos in proelium, quorum numerus est sicut arena maris.
ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بارگاھىنى، يەنى خۇدا سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ. 9
Et ascenderunt super latitudinem terrae, et circuierunt castra sanctorum, et civitatem dilectam. Et descendit ignis a Deo de caelo, et devoravit eos:
ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ. (aiōn g165, Limnē Pyr g3041 g4442) 10
et Diabolus, qui seducebat eos, missus est in stagnum ignis, et sulphuris, ubi et bestia, et pseudopropheta cruciabuntur die ac nocte in saecula saeculorum. (aiōn g165, Limnē Pyr g3041 g4442)
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ. 11
Et vidi thronum magnum candidum, et sedentem super eum, a cuius conspectu fugit terra, et caelum, et locus non est inventus eis.
مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب ــ «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 12
Et vidi mortuos magnos, et pusillos stantes in conspectu throni, et libri aperti sunt: et alius Liber apertus est qui est vitae: et iudicati sunt mortui ex his, quae scripta erant in libris secundum opera ipsorum.
دېڭىز ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارامۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ھەركىمنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. (Hadēs g86) 13
et dedit mare mortuos, qui in eo erant: et mors, et infernus dederunt mortuos suos, qui in ipsis erant: et iudicatum est de singulis secundum opera ipsorum. (Hadēs g86)
ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ــ ئوت كۆلىدۇر. (Hadēs g86, Limnē Pyr g3041 g4442) 14
Et infernus et mors missi sunt in stagnum ignis. Haec est mors secunda. (Hadēs g86, Limnē Pyr g3041 g4442)
كىمنىڭ ئىسمىنىڭ «ھاياتلىق دەپتىرى»دە يېزىلمىغانلىقى بايقالسا، ئوت كۆلىگە تاشلاندى. (Limnē Pyr g3041 g4442) 15
Et qui non inventus est in Libro vitae scriptus, missus est in stagnum ignis. (Limnē Pyr g3041 g4442)

< ۋەھىي 20 >