< ۋەھىي 20 >
ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. (Abyssos ) | 1 |
I vidjeh anđela: siđe s neba s ključima Bezdana i s velikim okovima u ruci. (Abyssos )
پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى. | 2 |
Zgrabi Zmaja, Staru zmiju, to jest Ðavla, Sotonu, i okova ga za tisuću godina.
ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر. (Abyssos ) | 3 |
Baci ga u Bezdan koji nad njim zatvori i zapečati da više ne zavodi narode dok se ne navrši tisuću godina. Nakon toga ima biti odriješen za malo vremena. (Abyssos )
ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى | 4 |
I vidjeh prijestolja - onima što sjedoše na njih dano je suditi - i duše pogubljenih zbog svjedočanstva Isusova i zbog Riječi Božje i sve koji se ne pokloniše Zvijeri ni kipu njezinu te ne primiše žiga na čela svoja ni na ruke. Oni oživješe i zakraljevaše s Kristom tisuću godina.
(ئۆلگەنلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيدۇ). بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. | 5 |
Drugi mrtvi ne oživješe dok se ne navrši tisuću godina. To je ono prvo uskrsnuće.
دەسلەپكى تىرىلىشتىن نېسىۋە بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ كاھىنلىرى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ. | 6 |
Blažen i svet onaj tko je dionik toga prvog uskrsnuća! Nad njim druga smrt nema vlasti: oni će biti svećenici Božji i Kristovi i s njime će kraljevati tisuću godina.
مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، | 7 |
A kad se navrši tisuću godina, Sotona će iz svoga zatvora biti pušten:
يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلانغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولىدۇ. | 8 |
izići će zavesti narode sa četiri kraja zemlje, Goga i Magoga, i skupiti ih u boj. Bit će ih kao pijeska morskoga.
ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بارگاھىنى، يەنى خۇدا سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ. | 9 |
Skupiše se na prostrano polje zemlje i opkoliše tabor svetih i ljubljeni grad. Ali oganj siđe s neba te ih proguta.
ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ. (aiōn , Limnē Pyr ) | 10 |
A njihov zavodnik, Ðavao, bačen bi u jezero ognjeno i sumporno, gdje se nalaze i Zvijer i Lažni prorok: ondje će se mučiti danju i noću u vijeke vjekova. (aiōn , Limnē Pyr )
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ. | 11 |
I vidjeh veliko bijelo prijestolje i Onoga što sjede na nj: pred licem njegovim pobježe zemlja i nebo; ni mjesta im se više ne nađe.
مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب ــ «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. | 12 |
I vidjeh mrtve, velike i male: stoje pred prijestoljem, a knjige se otvoriše. I otvori se jedna druga knjiga, knjiga života. I mrtvi bijahu suđeni po onome što stoji napisano u knjigama, po djelima svojim.
دېڭىز ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارامۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ھەركىمنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. (Hadēs ) | 13 |
More predade svoje mrtvace, a Smrt i Podzemlje svoje: i svaki bi suđen po djelima svojim. (Hadēs )
ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ــ ئوت كۆلىدۇر. (Hadēs , Limnē Pyr ) | 14 |
A Smrt i Podzemlje bili su bačeni u jezero ognjeno. Jezero ognjeno - to je druga smrt: (Hadēs , Limnē Pyr )
كىمنىڭ ئىسمىنىڭ «ھاياتلىق دەپتىرى»دە يېزىلمىغانلىقى بايقالسا، ئوت كۆلىگە تاشلاندى. (Limnē Pyr ) | 15 |
tko se god ne nađe zapisan u knjizi života, bio je bačen u jezero ognjeno. (Limnē Pyr )