< ۋەھىي 19 >
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ــ ــ ھەمدۇسانا! نىجات، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر! | 1 |
Afumepa mambo ego ehonvwezye esauti nanshi okholo ogosi owipoga igosi elya bhantu amwanya eiga, “Haleluya. Owaule, owuzuvyo, nenguvu vya Ngolobhe wetu.
چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر؛ ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز بۇزۇقلۇقى بىلەن بۇزغان چوڭ پاھىشىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى، ــ دېيىشەتتى. | 2 |
Endonje zyakwe zyelyoli nehaki, afwatanaje alonjile omalaya ogosi no umalaya wakwe. Abhombile olubhuzyo hwidanda elya sontezyo bhakwe, lyashele ahitile yoyo omwene.”
ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: ــ «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ! (aiōn ) | 3 |
Olwabheli ayanjile, “Haleluya! Ilyosi lyafumile wa mwene wila na wila.” (aiōn )
يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: ــ «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى. | 4 |
Bhala agogolo amashomi gabhele na bhane nevibhombe evye womi vine bhafugamila naputa Ongolobhe yakhala pitengo elye shimwene. Bali bhayanga, “Amina. Haleluya!”
ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: ــ «ئەي ئۇنىڭ بارلىق قۇل-خىزمەتكارلىرى، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان كاتتىلار بولسۇن، تۆۋەنلەر بولسۇن، ھەممىڭلار خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەڭلار!» | 5 |
Shesho esauti ehafuma pitengo elye shimwene, ehaga, “Salifwaji Ongolobhe wetu, enyimwasontezo bhakhwe mwenti, mwamhuputa omwene, bhonti bhashele sebhemhimu nabhenguvu.”
ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى! | 6 |
Shesho ehonvwa esauti nashi eipoga igosi elyabhantu, nanshi esauti eyeguruma nashi amenzu aminji, nashi seguluma eladi, iyiga, “Haleluya! Ogosi Ongolobhe wetu, otawala gonti, atawala.
شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!» | 7 |
Natishanjilile neshee nahupele ohuzuvyo afwatanaje eharusi neshikulukulu eya Mwana Ngole eyenzele, no bibi harusi alitayari.”
قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر). | 8 |
Ayetehwe akwatiziwe ekitani ilinza lya lilabha (ekitani enyinza ya haki eya abhelweteho).
ئاندىن، [پەرىشتە] ماڭا: ــ مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: ــ «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» ــ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، ــ دېدى. | 9 |
Ontumi wayanga nane, “Simba ega: Bhabarikiwe bhabhanilwe hushalehe ye harusi eya Mwana Ngole.” Shesho wambozya, “Ega mazu egelyoli aga Ngolobhe.”
مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر، ــ دېدى. | 10 |
Ehasugamie witagalila humanama gakwe naputa, lelo wambozya, “Osakhonzye eshi! Ane endi sontezyo wamwenyu na wa holo bhaho bhashele bhakhala nohwushuhuda awa Yesu. Pute Ongolobhe, hwesho oshuhuda wa Yesu mpepo eya kuwa.”
ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. | 11 |
Shesho nalola emwanya eigushe, nenya hwali nefalasi enzelu! Ola yashele apende akwiziwa Mwaminifu na Welyoli. Alonga huhaki na abhombe ibho.
ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. | 12 |
Amaso gakwe nanshi omele gwe mwozo pamwanya pitwe lyakwe ali netaji enyinji. Alinitawa lyalisimbilwe pamwanya pakwe yashele salimenye omntu yaonti ila yoyo mwene.
ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. | 13 |
Akwete omwenda gwagutumbusiwe hwidanda, ni tawa lyakwe akwiziwe lizu lya Ngolobhe.
ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. | 14 |
Ajeshi abhamwanya bhali bhahufuata pamwanya ye falasi enzelu, bhakwatiziwe ekitani enyinza enzelu enyinza.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر. | 15 |
Mwilomu lyakwe lifuma ipanga ilyoji lyashele libha buda ebhe mataifa, wape abhabhatawala nendesa eyeijela wape abhakhanye evyombo evye lozu hwilyoyo khali elya Ngolobhe, atawala pamwanya ya gonti.
ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى. | 16 |
Wape asimbilwe pamwanya yemwenda gwakwe napa ntapalu yakwe itawa, MWENE WA MWENE NA OGOSI WA MAGOSI.
ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! | 17 |
Nalolile ontumi ayemeleye pisanya. Akwizizye husauti engosi enyonyizyonti zyaziluha amwanya, “Enzii, bhongani pandwemo hushalye eshigosi esha Ngolobhe.
پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە پالۋانلارنىڭ، ئاتلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مىنگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ، قۇللارنىڭ ھەم ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ھەم تۆۋەنلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار! ــ دېدى. | 18 |
Enzaji mlye enyama ezyamwene, enyama ya amasinjala enyama eya bhantu agosi, enyama eye falasi napanda falasi, ne nyama ya bhantu wonti wabhali wene na sontezye, bheshele sebhali nomhimu na bhe nguvu.”
شۇنىڭ بىلەن مەن دىۋە، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى كۆردۈم. | 19 |
Nalolile omnyama na mwene ebhensi pandwemo na jeshi bhabho. Bhalibha wipanjile huwajili hwibho pamoja yapandile efalasi ni jeshi lyakwe.
ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. (Limnē Pyr ) | 20 |
Omnyama akhetwe nokuwa wakwe owilenka ya bhombile amanjele sahali omwene. Huundango ezi akhopeye bhala bhaposheye echapa eyamnyama na bhafugamie esanamu yakwe. Hwonti bhabhele bhaponyizewe sabhalo bhomi mwilende elye mwoto lyalihwaha hushibiliti. (Limnē Pyr )
قالغىنى بولسا ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن قىرىلدى. بارلىق پۈتۈن ئۇچار-قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشى بىلەن يەپ تويۇندى. | 21 |
Bhala bhabhasageye bhabudilwe hwipanga lyalyafumile mwilomu mwomo yapende pamwanya pa falasi. Enyonyi nzyonti zyaliye amibele gabho.