< ۋەھىي 19 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ــ ــ ھەمدۇسانا! نىجات، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر! 1
و بعد از آن شنیدم چون آوازی بلند ازگروهی کثیر در آسمان که می‌گفتند: «هللویاه! نجات و جلال و اکرام و قوت از آن خدای ما است،۱
چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر؛ ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز بۇزۇقلۇقى بىلەن بۇزغان چوڭ پاھىشىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى، ــ دېيىشەتتى. 2
زیرا که احکام او راست و عدل است، چونکه داوری نمود بر فاحشه بزرگ که جهان را به زنای خود فاسد می‌گردانید و انتقام خون بندگان خود را از دست او کشید.»۲
ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: ــ «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ! (aiōn g165) 3
و بار دیگر گفتند: «هللویاه، و دودش تاابدالاباد بالا می‌رود!» (aiōn g165)۳
يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: ــ «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى. 4
و آن بیست و چهار پیر و چهار حیوان به روی درافتاده، خدایی را که بر تخت نشسته است سجده نمودند و گفتند: «آمین، هللویاه!»۴
ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: ــ «ئەي ئۇنىڭ بارلىق قۇل-خىزمەتكارلىرى، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان كاتتىلار بولسۇن، تۆۋەنلەر بولسۇن، ھەممىڭلار خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەڭلار!» 5
و آوازی از تخت بیرون آمده، گفت: «حمدنمایید خدای ما را‌ای تمامی بندگان او وترسندگان او چه کبیر و چه صغیر.»۵
ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى! 6
و شنیدم چون آواز جمعی کثیر و چون آوازآبهای فراوان و چون آواز رعدهای شدید که می‌گفتند: «هللویاه، زیرا خداوند خدای ما قادرمطلق، سلطنت گرفته است.۶
شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!» 7
شادی و وجدنماییم و او را تمجید کنیم زیرا که نکاح بره رسیده است و عروس او خود را حاضر ساخته است.۷
قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر). 8
وبه او داده شد که به کتان، پاک و روشن خود رابپوشاند، زیرا که آن کتان عدالتهای مقدسین است.»۸
ئاندىن، [پەرىشتە] ماڭا: ــ مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: ــ «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» ــ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، ــ دېدى. 9
و مرا گفت: «بنویس: خوشابحال آنانی که به بزم نکاح بره دعوت شده‌اند.» و نیز مرا گفت که «این است کلام راست خدا.»۹
مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر، ــ دېدى. 10
و نزد پایهایش افتادم تا او را سجده کنم. اوبه من گفت: «زنهار چنین نکنی زیرا که من با توهمخدمت هستم و با برادرانت که شهادت عیسی را دارند. خدا را سجده کن زیرا که شهادت عیسی روح نبوت است.»۱۰
ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. 11
و دیدم آسمان را گشوده و ناگاه اسبی سفیدکه سوارش امین و حق نام دارد و به عدل داوری وجنگ می‌نماید،۱۱
ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. 12
و چشمانش چون شعله آتش و بر سرش افسرهای بسیار و اسمی مرقوم داردکه جز خودش هیچ‌کس آن را نمی داند.۱۲
ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. 13
وجامه‌ای خون آلود دربر دارد و نام او را «کلمه خدا» می‌خوانند.۱۳
ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. 14
و لشکرهایی که درآسمانند، بر اسبهای سفید و به کتان سفید و پاک ملبس از عقب او می‌آمدند.۱۴
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر. 15
و از دهانش شمشیری تیز بیرون می‌آید تا به آن امت‌ها را بزندو آنها را به عصای آهنین حکمرانی خواهد نمودو او چرخشت خمر غضب و خشم خدای قادرمطلق را زیر پای خود می‌افشرد.۱۵
ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى. 16
و بر لباس وران او نامی مرقوم است یعنی «پادشاه پادشاهان ورب‌الارباب».۱۶
ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! 17
و دیدم فرشته‌ای را در آفتاب ایستاده که به آواز بلند تمامی مرغانی را که در آسمان پروازمی کنند، ندا کرده، می‌گوید: «بیایید و بجهت ضیافت عظیم خدا فراهم شوید.۱۷
پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە پالۋانلارنىڭ، ئاتلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مىنگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ، قۇللارنىڭ ھەم ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ھەم تۆۋەنلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار! ــ دېدى. 18
تا بخورید گوشت پادشاهان و گوشت سپه سالاران و گوشت جباران و گوشت اسبها و سواران آنها و گوشت همگان را، چه آزاد و چه غلام، چه صغیر و چه کبیر.»۱۸
شۇنىڭ بىلەن مەن دىۋە، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى كۆردۈم. 19
و دیدم وحش و پادشاهان زمین ولشکرهای ایشان را که جمع شده بودند تا بااسب‌سوار و لشکر او جنگ کنند.۱۹
ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. (Limnē Pyr g3041 g4442) 20
و وحش گرفتار شد و نبی کاذب با وی که پیش او معجزات ظاهر می‌کرد تا به آنها آنانی را که نشان وحش رادارند و صورت او را می‌پرستند، گمراه کند. این هر دو، زنده به دریاچه آتش افروخته شده به کبریت انداخته شدند. (Limnē Pyr g3041 g4442)۲۰
قالغىنى بولسا ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن قىرىلدى. بارلىق پۈتۈن ئۇچار-قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشى بىلەن يەپ تويۇندى. 21
و باقیان به شمشیری که از دهان اسب‌سوار بیرون می‌آمد کشته شدند وتمامی مرغان از گوشت ایشان سیر گردیدند.۲۱

< ۋەھىي 19 >