< ۋەھىي 18 >

ئۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ جۇلالىلىقىدىن يورۇپ كەتتى. 1
And after this, I saw an angel descending from heaven, who had great power; and the earth was enlightened with his glory.
پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: ــ «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى، ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى! 2
And he cried with a mighty and a loud voice, saying, It is fallen! it is fallen! it is fallen! even Babylon the Great: and it is become the habitation of demons, and the hold of every unclean spirit, and a cage of every unclean and hateful bird:
چۈنكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىدىن ئىچىشتى؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتى، يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئەيش-ئىشرىتىنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن بېيىشتى». 3
for she has caused all the nations to drink of the wine of her raging whoredom; and the kings of the earth have committed whoredom with her, and the merchants of the earth have been enriched by the abundance of her luxuries.
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ «ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار! 4
And I heard another voice from heaven, saying, Come out from her, my people, that you may not be partakers with her in her sins, and that you may not partake of her plagues:
چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھلىرى پەلەككە يەتكۈدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكلىرىنى ئېسىگە ئالدى. 5
for her sins have followed up to heaven, and her unrighteous actions are come up in remembrance before God.
ئۇ باشقىلارغا ياندۇرغىنىدەك ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق ئىككى ھەسسە قوشلاپ قايتۇرۇڭلار؛ ئۇ [باشقىلارغا] ئەبجەش قىلىپ بەرگەن قەدەھتە ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە قويۇق ئەبجەش قىلىڭلار. 6
Give her, as he also has given; and recompense to her double, according to her works: in the cup which she has mingled, mingle to her double.
ئۇ ئۆزىنى قانچىلىك ئۇلۇغلىغان بولسا، قانچىلىك ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىينىلىش ۋە دەرد بېرىڭلار؛ ئۇ كۆڭلىدە: «مەن تۇل ئەمەس، بەلكى تەختە ئولتۇرغان خانىشمەن؛ مەن دەرد-ئەلەمنى ئەسلا كۆرمەيمەن» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 7
In proportion to the degree in which she has made ostentation of her glory, and lived in luxury, inflict upon her torment and grief. Because she has said in her heart, I sit as a queen, and am not a widow, and shall not see sorrow;
بۇ ۋەجىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەر، يەنى ئۆلۈم، دەرد-ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق كېلىدۇ، ئۇ ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سوراق قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا قۇدرەتلىكتۇر!». 8
therefore, in one day shall her plagues come--death, and mourning, and famine; and she shall be burnt with fire; for strong is the Lord God who judges her.
ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. 9
And the kings of the earth, who have committed fornication, and lived in luxury with her, shall mourn and lament, when they shall see the smoke of her burning,
ئۇلار ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: ــ «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! چۈنكى بىر سائەت ئىچىدىلا جازايىڭ بېشىڭغا چۈشتى!» 10
standing afar off, for fear of her torment, saying, Alas! alas! the great city, Babylon; the strong city! for in one hour is thy judgment come.
يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كېمىدىكى يۈك-ماللىرىنى، 11
And the merchants of the earth shall wail and lament over her, because no one buys their wares any longer--
يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتلىك ياقۇتلار، ئۈنچە-مەرۋايىت، نەپىس لىباس رەخت، سۆسۈن رەخت، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەرخىل خۇشبۇي تۇرۇنج ياغاچلار، پىل چىشى بۇيۇملىرى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، 12
the merchandise of gold, and silver, and jewels, and pearls, and fine linen, and purple, and silk, and scarlet, and every odiferous wood, and every vessel of ivory, and every vessel of most precious wood, and of brass, and of iron, and of marble,
شۇنىڭدەك قوۋزاقدارچىن، تېتىتقۇلار، خۇشبۇي، مۇرمەككى، مەستىكى، شاراب، زەيتۇن مېيى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر. 13
and cinnamon, and perfume, and myrrh, and incense, and wine, and oil, and fine flour, and wheat, and oxen, and sheep, and horses, and chariots, and slaves, and souls of men.
([ئى بابىل]، جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى، بارلىق ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مال-دۇنيالىرىڭ سەندىن يوقالدى. ئۇلار بۇلارنى ئەمدى ھەرگىز تاپالمايدۇ!) 14
And the fruits which thy soul desired, are gone from thee; and all delicious and splendid things are departed from thee, and thou shalt never find them any more.
بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر بولسا شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى: ــ 15
The merchants of these commodities, who were enriched by her, shall stand afar off, for fear of her torment, weeping, and mourning,
«ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! نەپىس لىباس رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا ئورىلىپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇتلار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنسەن! 16
and saying, Alas! alas! the great city, that was clothed with fine linen, and purple, and scarlet, and adorned with gold, and precious stones, and pearls;
بىر سائەت ئىچىدىلا شۇنچە كاتتا بايلىقلار ۋەيران بولدى!» بارلىق كېمە خوجايىنلىرى، كېمىدىكى بارلىق يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، 17
for in one hour all these riches are laid waste. And every pilot, and every passenger, and the mariners, and all that bestow their labor upon the sea, stood afar off,
ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: ــ بۇ كاتتا شەھەرگە قايسى شەھەر تەڭ كېلەلىسۇن؟ ــ دەپ پەرياد كۆتۈرۈشتى. 18
and cried, when they saw the smoke of her burning, saying, What city is like to the great city!
ئۇلار باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرياد كۆتۈرۈشۈپ، يىغا-زار قىلىشىپ: ــ ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئۇ كاتتا شەھەر! ئۇ ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۆلىتىدىن، دېڭىزدا كېمىسى بارلار بېيىغانىدى! بىر سائەت ئىچىدىلا ۋەيران بولدى بۇ شەھەر! ــ دېيىشىدۇ. 19
And they cast dust upon their heads, and cried, weeping, and mourning, saying, Alas! alas! the great city, by whose magnificent expenses, all that had ships in the sea were enriched; for she is made desolate in one hour!
ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار، ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر! چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!». 20
Rejoice over her, thou heaven, and you saints, and apostles, and prophets; for on your account God has pronounced sentence upon her.
ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ، ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ! 21
And a strong angel took a stone, like a great millstone, and cast it into the sea; saying, Thus shall Babylon, the great city, he dashed down with violence, and never be found again.
چىلتارچىلارنىڭ، سازچىلارنىڭ، نەيچىلەر ۋە سۇنايچىلارنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، ھەرخىل ھۈنەرنى قىلىدىغان ھۈنەرۋەن سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز تېپىلمايدۇ، تۈگمەننىڭمۇ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، 22
And the voice of harpers, and musicians, of them that play the flute, and sound the trumpet, shall be heard no more in thee; nor shall the noise of the millstone be heard any more in thee;
ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ، توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛ چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى، بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛ 23
and the light of a lamp shall be seen no more in thee; and the voice of the bridegroom, and of the bride, shall be heard no more in thee: because they merchants were the grandees of the earth--because by thy sorceries were all the nations deceived:
پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ [تۆكۈلگەن قانلىرى]، شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى». 24
and in her was found the blood of prophets, and of saints, even of all those who were slain upon the earth.

< ۋەھىي 18 >