< ۋەھىي 17 >
يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: ــ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. | 1 |
Yǝttǝ qinisi bar yǝttǝ pǝrixtining biri kelip, manga sɵzlǝp: — Bu yǝrgǝ kǝl, nurƣun sular üstidǝ olturƣan qong paⱨixǝ ayalning tartidiƣan jazasini sanga kɵrsitip ⱪoyay.
يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى. | 2 |
Yǝr yüzidiki padixaⱨlar uning bilǝn buzuⱪluⱪ ɵtküzdi, yǝr yüzidikilǝr uning buzuⱪluⱪining xarabidin mǝst boluxti, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم. | 3 |
Xuning bilǝn u pǝrixtǝ meni Roⱨning ilkidiki ⱨalǝttǝ bir qɵlgǝ elip bardi. U yǝrdǝ yǝttǝ baxliⱪ, on münggüzlük, pütün ǝzayini kupurluⱪ namliri ⱪapliƣan bir toⱪ ⱪizil diwining üstidǝ olturƣan bir ayalni kɵrdüm.
ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. | 4 |
Ayal sɵsün wǝ toⱪ ⱪizil kiyim kiygǝn bolup, altun, ⱪimmǝtlik yaⱪut wǝ mǝrwayitlar bilǝn pǝrdazlanƣanidi. Ⱪolida yirginqlik nomussizliⱪlar wǝ ɵz buzuⱪluⱪining nijasǝtliri bilǝn tolƣan bir altun ⱪǝdǝⱨ bar idi.
پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى. | 5 |
Pexanisigǝ bir sir — «Katta Babil, paⱨixilǝrning wǝ dunyadiki pütkül yirginqlik nomussizliⱪlarning anisi» degǝn nam pütüklük idi.
مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم. | 6 |
Mǝn ayalning muⱪǝddǝs bǝndilǝrning ⱪeni wǝ Əysaƣa guwaⱨliⱪ bǝrgüqilǝrning ⱪeni bilǝn mǝst bolƣanliⱪini kɵrdüm. Uni kɵrüp tolimu tǝǝjjüp ⱪilip intayin ⱨǝyran ⱪaldim.
پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. | 7 |
Pǝrixtǝ manga mundaⱪ dedi: — «Nemigǝ ⱨǝyran ⱪalding? Ayalning wǝ uni kɵtürüp turƣan yǝttǝ baxliⱪ, on münggüzlük diwining sirini sanga eytip berǝy.
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ. (Abyssos ) | 8 |
Sǝn kɵrgǝn diwǝ bir zamanlarda bar idi, ⱨazir yoⱪ; uzun ɵtmǝy tegi yoⱪ ⱨangdin qiⱪip, ⱨalakǝtkǝ ⱪarap mangidu. Yǝr yüzidǝ turuwatⱪanlar — dunya apiridǝ bolƣandin buyan isimliri ⱨayatliⱪ dǝptirigǝ pütülmigǝn kixilǝr diwini kɵrüp intayin ⱨǝyran ⱪalidu. Qünki u bir zamanlarda bar idi, ⱨazir yoⱪ, lekin yǝnǝ pǝyda bolidu. (Abyssos )
مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت: ــ يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. | 9 |
Mana buni qüxinixkǝ lazim bolƣan ⱨekmǝt: — yǝttǝ bax bolsa u ayal olturƣan yǝttǝ taƣⱪa, xundaⱪla yǝttǝ padixaⱨⱪa wǝkillik ⱪilidu.
بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. | 10 |
Bularning bǝxi yiⱪilƣan, birsi bar, yǝnǝ biri tehi kǝlmidi. U kǝlgǝndǝ pǝⱪǝt azla waⱪit turalaydu.
بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. | 11 |
Burun bar bolƣan, ǝmdi ⱨazir yoⱪ bolƣan diwining ɵzi sǝkkizinqi padixaⱨdur, xundaⱪla u ⱨǝm yǝttisidin biri bolup ⱨalakǝtkǝ ⱪarap mangidu.
سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. | 12 |
Sǝn kɵrgǝn on münggüz on padixaⱨdur. Ularning padixaⱨliⱪliri tehi yoⱪ, ǝmdi ularƣa diwǝ bilǝn billǝ bir saǝtlik padixaⱨliⱪ ⱨoⱪuⱪi berilidu.
بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ. | 13 |
Bu padixaⱨlar bir oy, bir niyǝttǝ bolup ɵz ⱪudriti wǝ ⱨoⱪuⱪlirini diwigǝ berixidu.
دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر». | 14 |
Diwǝ wǝ padixaⱨlar birlixip Ⱪoziƣa ⱪarxi jǝng ⱪilidu. Ⱪoza ularning üstidin ƣalib kelidu, qünki U rǝblǝrning Rǝbbi, padixaⱨlarning Padixaⱨidur. Uning bilǝn birgǝ turƣanlar bolsa qaⱪirilƣan, tallanƣan wǝ Uningƣa sadiⱪ bolƣanlardur».
پەرىشتە ماڭا يەنە: ــ پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر. | 15 |
Pǝrixtǝ manga yǝnǝ: — Paⱨixǝ ayal üstidǝ olturƣan, sǝn kɵrgǝn sular bolsa millǝtlǝr, ɵzara toplaxⱪan nurƣun kixilǝr, ǝllǝr wǝ ⱨǝr hil tillarda sɵzlixidiƣan kixilǝrdur.
سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. | 16 |
Sǝn kɵrgǝn on münggüz wǝ diwǝ bu paⱨixǝ ayaldin nǝprǝtlinidu, uni talan-taraj ⱪilip yalingaqlap ⱪoyidu, uning gɵxini yǝp, ɵzini otta kɵydüridu.
چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز-كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ [ئون پادىشاھنىڭ] كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى. | 17 |
Qünki Huda Ɵz sɵz-kalamliri ǝmǝlgǝ axⱪuqǝ, axu [on padixaⱨning] kɵngligǝ Ɵz iradisini ijra ⱪilip, bir ⱪararda tohtixip padixaⱨliⱪ ⱨoⱪuⱪini diwigǝ berix niyitini saldi.
سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، ــ دېدى. | 18 |
Sǝn kɵrgǝn ayal yǝr yüzidiki padixaⱨlar üstidin ⱨɵkümranliⱪ ⱪilidiƣan katta xǝⱨǝrdur, — dedi.