< ۋەھىي 16 >

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 1
I usłyszałem donośny głos ze świątyni mówiący do siedmiu aniołów: Idźcie i wylejcie siedem czasz gniewu Boga na ziemię.
بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى. 2
I poszedł pierwszy, i wylał swoją czaszę na ziemię. I pojawiły się bolesne i złośliwe wrzody na ludziach, którzy mieli znamię bestii, i na tych, którzy oddali pokłon jej wizerunkowi.
ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى. 3
A drugi anioł wylał swoją czaszę na morze i stało się ono jak krew zmarłego. I każda dusza żywa umarła w morzu.
ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. 4
A trzeci anioł wylał swoją czaszę na rzeki i źródła wód i przemieniły się w krew.
ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن، ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى! 5
I usłyszałem anioła wód mówiącego: Sprawiedliwy jesteś, Panie, który jesteś i który byłeś, i święty, że tak osądziłeś.
مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر». 6
Ponieważ wylali krew świętych i proroków, dałeś im również krew do picia, bo [na to] zasłużyli.
ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: ــ «شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 7
I usłyszałem, jak inny mówił od ołtarza: Tak, Panie Boże Wszechmogący, prawdziwe i sprawiedliwe są twoje wyroki.
تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى. 8
A czwarty anioł wylał swoją czaszę na słońce i pozwolono mu przypalać ludzi ogniem.
شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى. 9
I ludzie zostali popaleni wielkim żarem, i bluźnili imieniu Boga, który ma władzę nad tymi plagami, a nie pokutowali, aby oddać mu chwałę.
بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى 10
A piąty anioł wylał swoją czaszę na tron bestii i jej królestwo pogrążyło się w ciemności, a [ludzie] gryźli z bólu języki.
ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى. 11
I bluźnili Bogu nieba z powodu swoich bólów i wrzodów, lecz nie pokutowali ze swoich czynów.
ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. 12
A szósty anioł wylał swoją czaszę na wielką rzekę Eufrat. I wyschła jej woda, aby została przygotowana droga dla królów ze Wschodu.
ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. 13
I zobaczyłem trzy duchy nieczyste jakby żaby, które [wychodziły] z paszczy smoka i z paszczy bestii, i z ust fałszywego proroka.
بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى 14
A są to duchy demonów, które czynią cuda i wychodzą do królów ziemi i na cały świat, aby ich zgromadzić na wojnę w wielki dzień Boga Wszechmogącego.
(«مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»). 15
Oto przychodzę jak złodziej. Błogosławiony, kto czuwa i strzeże swoich szat, aby nie chodził nago i aby nie widziano jego hańby.
ئەمدى [ناپاك روھلار] [پادىشاھلارنى] ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى. 16
I zgromadził ich na miejsce zwane po hebrajsku Armageddon.
يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى. 17
A siódmy anioł wylał swoją czaszę w powietrze. I ze świątyni nieba, od tronu rozległ się donośny głos, który powiedział: Stało się!
شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. 18
I nastąpiły głosy i gromy, i błyskawice, i nastało wielkie trzęsienie ziemi, jakiego nie było, odkąd człowiek jest na ziemi, tak potężne [było] to trzęsienie ziemi.
كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. 19
A wielkie miasto rozpadło się na trzy części i runęły miasta narodów. I został wspomniany przed Bogiem wielki Babilon, aby dać mu kielich wina zapalczywości swego gniewu.
بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛ 20
Pierzchły wszystkie wyspy i gór już nie znaleziono.
ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ئاسماندىن ياغدى. مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق دەھشەتلىك بولدىكى، ئادەملەر ئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغاشتى. 21
I spadł z nieba na ludzi wielki grad [o wadze] około jednego talentu. A ludzie bluźnili Bogu z powodu plagi gradu, bo plaga ta była bardzo wielka.

< ۋەھىي 16 >