< ۋەھىي 15 >
ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ). | 1 |
tataH param ahaM svarge 'param ekam adbhutaM mahAcihnaM dRSTavAn arthato yai rdaNDairIzvarasya kopaH samAptiM gamiSyati tAn daNDAn dhArayantaH sapta dUtA mayA dRSTAH|
مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، | 2 |
vahnimizritasya kAcamayasya jalAzayasyAkRtirapi dRSTA ye ca pazostatpratimAyAstannAmno 'Gkasya ca prabhUtavantaste tasya kAcamayajalAzayasya tIre tiSThanta IzvarIyavINA dhArayanti,
ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ «ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر، ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى! | 3 |
IzvaradAsasya mUsaso gItaM meSazAvakasya ca gItaM gAyanto vadanti, yathA, sarvvazaktiviziSTastvaM he prabho paramezvara|tvadIyasarvvakarmmANi mahAnti cAdbhutAni ca| sarvvapuNyavatAM rAjan mArgA nyAyyA RtAzca te|
ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى». | 4 |
he prabho nAmadheyAtte ko na bhItiM gamiSyati| ko vA tvadIyanAmnazca prazaMsAM na kariSyati| kevalastvaM pavitro 'si sarvvajAtIyamAnavAH| tvAmevAbhipraNaMsyanti samAgatya tvadantikaM| yasmAttava vicArAjJAH prAdurbhAvaM gatAH kila||
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى! | 5 |
tadanantaraM mayi nirIkSamANe sati svarge sAkSyAvAsasya mandirasya dvAraM muktaM|
يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. | 6 |
ye ca sapta dUtAH sapta daNDAn dhArayanti te tasmAt mandirAt niragacchan| teSAM paricchadA nirmmalazRbhravarNavastranirmmitA vakSAMsi ca suvarNazRGkhalai rveSTitAnyAsan|
تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. (aiōn ) | 7 |
aparaM caturNAM prANinAm ekastebhyaH saptadUtebhyaH saptasuvarNakaMsAn adadAt| (aiōn )
ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. | 8 |
anantaram Izvarasya tejaHprabhAvakAraNAt mandiraM dhUmena paripUrNaM tasmAt taiH saptadUtaiH saptadaNDAnAM samAptiM yAvat mandiraM kenApi praveSTuM nAzakyata|