< ۋەھىي 15 >

ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ). 1
Potom viděl jsem jiný zázrak na nebi veliký a předivný: Sedm andělů majících sedm ran posledních, v nichž má dokonán býti hněv Boží.
مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، 2
A viděl jsem jako moře sklené, smíšené s ohněm, a ty, kteříž zvítězili nad šelmou a obrazem jejím a nad charakterem jejím i nad počtem jména jejího, ani stojí nad tím mořem skleným, majíce harfy Boží,
ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ «ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر، ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى! 3
A zpívají píseň Mojžíše, služebníka Božího, a píseň Beránkovu, řkouce: Velicí a předivní jsou skutkové tvoji, Pane Bože všemohoucí, spravedlivé a pravé jsou cesty tvé, ó Králi všech svatých.
ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى». 4
Kdož by se nebál tebe, Pane, a nezveleboval jména tvého? Nebo ty sám svatý jsi. Všickni zajisté národové přijdou a klaněti se budou před obličejem tvým; nebo soudové tvoji zjeveni jsou.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى! 5
Potom pak viděl jsem, a aj, otevřín jest chrám stánku svědectví na nebi.
يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. 6
I vyšlo sedm těch andělů z chrámu, majících sedm ran, oblečeni jsouce rouchem lněným, čistým a bělostkvoucím, a přepásáni na prsech pasy zlatými.
تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. (aiōn g165) 7
A jedno ze čtyř zvířat dalo sedmi andělům sedm koflíků zlatých, plných hněvu Boha živého na věky věků. (aiōn g165)
ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. 8
I naplněn jest chrám dýmem, pocházejícím od slávy Boží a od moci jeho, a žádný nemohl vjíti do chrámu, dokudž se nevykonalo sedm ran těch sedmi andělů.

< ۋەھىي 15 >