< ۋەھىي 13 >
ئاندىن، دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا كۇپۇرلۇق ناملىرى يېزىقلىق ئىدى. | 1 |
Izoka lekimeka hange migulya amehanganga muluguo la bahali. Hange nekaona kekale kekapuma mubahali. Aieukete mpembe ikumi nimatwe mupungate. Mumpembe yqkwe aikole ngala ikumi numitwe lakwe aeikole nkani.
مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا ئۇنىڭغا ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. | 2 |
Eke ikakale nainukiine inge anga ihue. Emegulu akwe anga edubu, numulomo wakwe anga ihimba izoka ile lekamupa ingulu, numituntu lakwe nilautemi nuhumi nuangulu kukela nukutema.
دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتكۈل دۇنيا دىۋىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ ئۇنىڭغا [ئەگەشتى]. | 3 |
Itwe lakekale king'wi kao iekigeeleka kutula ninkomele nkulu naizesasha inshakwe. Kuite inkomele akwe akapola, nihe ehi ikakuelwa nukukityata ikekale.
ئەجدىھا دىۋىگە [سەلتەنەتلىك] ھوقۇق بەرگەچكە ئۇلار ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: ــ دىۋىنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟ ــ دېدى. | 4 |
Hangi ikalikulya izoka ndogoelyo kekapegwa uhumi ekekale eke. Ikakekulya ekekale kwe, hange ekalongoleka kulunga; nyenyu anga kekale? hange nyenyu nukikua neko?
دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى. | 5 |
Ikekale kekapegwa melomo ketambule inkani yakikulya nukutukila. Aeugombigwe kutula nuuhumi kumyeli makumianne nuubeele.
ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ــ ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، شۇنداقلا ئەرشنى ماكان قىلغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئاغزىنى ئاچتى. | 6 |
Kuite ikekule kikamaha umulomo wakwe nukuligitya ituki kumutukila itunda, akaletukila elina lakwe, pang'wanso naewikie nawa neikie kilunde.
ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. | 7 |
Ekekale kekapegwa lyoma kituma mbita neahueli nukuahuma, hange wekapegwa uhumi kikila ekabila, antu, ntambu, nihe.
يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ــ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. | 8 |
Eehi neikie muunkumbigulu akumukulya nuanso kukela ung'weao elina lakwe nesingalandekilwe, kupuma ihe nauumbewe, mumbugulu naupanga, inge nekang'wankolo, nausensilwe.
قۇلىقى بارلار، بۇنى ئاڭلىسۇن! | 9 |
Angeze ukole wehi nukete ukutwe uategeelye.
««تۇتقۇن بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ، «قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ». مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. | 10 |
Angeze ung'weao uhoilwe utugwa, nukutugwa winzu. angeze ung'weao ukubulaga kushege, kushege kiko ukubulagwa, uwu witangwi nuaupolo hange wigigimyeeli kuawa niatakatifu.
مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. | 11 |
Hange nikaona kekale nekiuya kepembilye kupuma mihe. Aekekete mpembe ibeele anga enkolo hange kekaligitya anga izoka.
ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان ئاۋۋالقى دىۋىگە چوقۇندۇرىدۇ. | 12 |
Wikalageela uhumi wehi kukekale eke nekang'wandyo nuukole wakwe, nukituma mehi nawa neikie mung'wanso, kukulya ekekale nekanso nikang'wandyo, uyu nenkomeleakwa aipoile.
ئۇ زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. | 13 |
Wikituma makula du, sunga wikautenda umoto wikasima pihe kupuma kilunde wikigela ntongeela aantu.
ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى. | 14 |
Kilengaseelyo augombigwe kituma, wikaakongela awaneikie mihe, akazeaela azipye eadudu kikulyo lakikale naekelemaigwe kuwege, kuite kekili kukikie.
دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى. | 15 |
Aiugombigwe kupumya emihupo kung'wa dudu kekali kehume kutambula nukusasha awa ehi niahitile kukulya ekekale abulagwe.
ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. | 16 |
Hange wikasinja kukila ung'we ao, numugila ensailo, nuyu nuangulu, mugole numuhimbe, nuidesile numutugwa kusengeelya ugomola kumokono wakigoha ang'wi nuusu wao.
ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى. | 17 |
Inge shangaeagombekile kuhela muntu kugulya ang'wi kugula, inge kusinja wezeukete ugomola nuanso hangi nelina lakekale nikanso ang'wi ulimeeli nualina lakwe.
مانا بۇ يەردە ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن؛ چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر. | 18 |
Pang'wanso papo ukole uupolo. Nuanso nuukete eemahala, nuaelye utimeli nuakekale eke, ndogoelyo naewitumile nuakiuntu. Nuutimeli wakwe inge namba 666.