< ۋەھىي 11 >
ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن. | 1 |
I dana mi je trska slična palici i rečeno mi je: “Ustani i izmjeri hram Božji i žrtvenik i poklonike u njemu!
لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ. | 2 |
Vanjsko dvorište hrama mimoiđi, ne mjeri ga jer je dano poganima: gazit će svetim gradom četrdeset i dva mjeseca.
مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ» | 3 |
I ja ću poslati dva svoja svjedoka da, obučeni u kostrijet, prorokuju tisuću dvjesta i šezdeset dana.
(بۇلار يەر-زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر). | 4 |
Oni su dvije masline i dva svijećnjaka što stoje pred Gospodarom zemlje.
بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. | 5 |
Ako im tko hoće nauditi, oganj suče iz usta njihovih i proždire njihove neprijatelje. Doista, htjedne li im tko nauditi, tako treba da pogine.
ئۇلار بېشارەت-ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىكە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا-ۋابا بىلەن يەر-زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە. | 6 |
Oni imaju vlast zaključati nebo da ne pada kiša dok prorokuju; imaju vlast pretvoriti vode u krv i udariti zemlju kojim god zlom kad god htjednu.
ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. (Abyssos ) | 7 |
A kada dovrše svoje svjedočanstvo, Zvijer koja izlazi iz Bezdana zaratit će s njima, pobijediti ih i ubiti. (Abyssos )
جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى. | 8 |
I njihova će trupla ležati na trgu grada velikoga koji se duhovno zove Sodoma i Egipat, gdje je i Gospodin njihov raspet.
ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ. | 9 |
Ljudi iz svih puka i plemena i jezika i naroda gledat će njihova trupla tri i pol dana i neće dopustiti da im se trupla u grob polože.
يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى. | 10 |
Pozemljari će se radovati i veseliti zbog njihove nesreće i darivati jedan drugoga jer su ta dva proroka zadavala muku pozemljarima.
لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى. | 11 |
Ali nakon tri i pol dana duh životni od Boga uđe u njih i stadoše na noge te strah velik obuze one koji ih promatrahu.
ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. | 12 |
I začuše glas s neba silan: “Uziđite ovamo!” I uziđoše na oblaku u nebo na očigled svojih neprijatelja.
دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. | 13 |
U taj čas nasta velik potres: pade desetina grada, a u potresu poginu sedam tisuća ljudi. Preživjele spopade strah te proslaviše Boga nebeskoga.
ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى. | 14 |
Drugi Jao prođe. Evo, treći Jao dolazi ubrzo!
ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ». (aiōn ) | 15 |
I sedmi anđeo zatrubi. I na nebu odjeknuše silni glasovi: “Uspostavljeno je nad svijetom kraljevstvo Gospodara našega i Pomazanika njegova i kraljevat će u vijeke vjekova!” (aiōn )
خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ | 16 |
Tada dvadeset i četiri starješine, što pred Bogom sjedoše na prijestolja,
«شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا، ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ. | 17 |
padoše ničice i pokloniše se Bogu govoreći. “Zahvaljujemo ti, Gospodaru, Bože, Svevladaru, koji jesi i koji bijaše, zato što uze u ruke moć svoju veliku i zakralji se!
ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى، ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش، قۇل-خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى، مۇقەددەس بەندىلەرنى، تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى». | 18 |
Gnjevili se narodi, ali dođe srdžba tvoja i čas da se sudi mrtvima i naplata dade slugama tvojim prorocima i svetima i svima koji se boje imena tvojega, malima i velikima; i da se unište oni koji kvare zemlju.”
ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى. | 19 |
I otvori se hram Božji na nebu i pokaza se Kovčeg saveza njegova u hramu njegovu te udare munje i glasovi i gromovi i potres i tuča velika.