< ۋەھىي 10 >
ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛ | 1 |
И видех другог анђела јаког где силази с неба, који беше обучен у облак, и дуга беше на глави његовој, и лице његово беше као сунце, и ноге његове као стубови огњени;
قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، | 2 |
И имаше у руци својој књижицу отворену, и метну ногу своју десну на море, а леву на земљу.
شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى. | 3 |
И повика гласом великим, као лав кад риче; и кад он повика, говораше седам громова гласове своје.
يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: ــ «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. | 4 |
И кад говорише седам громова гласове своје, хтедох да пишем, и чух глас с неба који ми говори: Запечати шта говорише седам громова, и ово не пиши.
دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، | 5 |
И анђео ког видех где стоји на мору и на земљи, подиже руку своју к небу,
ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ (aiōn ) | 6 |
И закле се Оним који живи ва век века, који сазда небо и шта је на њему, и земљу и шта је на њој, и море и шта је у њему, да времена већ неће бити; (aiōn )
بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، ــ دېدى. | 7 |
Него у дане гласа седмог анђела кад затруби, онда ће се свршити тајна Божија, као што јави својим слугама пророцима.
مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ: ــ بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى. | 8 |
И глас који чух с неба, опет проговори са мном и рече: Иди и узми књижицу отворену из руке оног анђела што стоји на мору и на земљи.
مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: ــ بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى. | 9 |
И отидох к анђелу, и рекох му: Дај ми књижицу. И рече ми: Узми и изједи је; и горка ће бити у трбуху твом, али у устима биће ти слатка као мед.
مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. | 10 |
И узех књижицу из руке анђелове, и изједох је; и беше у устима мојим као мед слатка, а кад је изједох, беше горка у трбуху мом.
شۇنىڭ بىلەن ماڭا: ــ سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى. | 11 |
И рече ми: Ваља ти опет пророковати народима и племенима и језицима и царевима многима.