< ۋەھىي 10 >

ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛ 1
anantaraṁ svargād avarōhan apara ēkō mahābalō dūtō mayā dr̥ṣṭaḥ, sa parihitamēghastasya śiraśca mēghadhanuṣā bhūṣitaṁ mukhamaṇḍalañca sūryyatulyaṁ caraṇau ca vahnistambhasamau|
قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، 2
sa svakarēṇa vistīrṇamēkaṁ kṣūdragranthaṁ dhārayati, dakṣiṇacaraṇēna samudrē vāmacaraṇēna ca sthalē tiṣṭhati|
شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى. 3
sa siṁhagarjanavad uccaiḥsvarēṇa nyanadat ninādē kr̥tē sapta stanitāni svakīyān svanān prākāśayan|
يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: ــ «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 4
taiḥ sapta stanitai rvākyē kathitē 'haṁ tat lēkhitum udyata āsaṁ kintu svargād vāgiyaṁ mayā śrutā sapta stanitai ryad yad uktaṁ tat mudrayāṅkaya mā likha|
دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، 5
aparaṁ samudramēdinyōstiṣṭhan yō dūtō mayā dr̥ṣṭaḥ sa gaganaṁ prati svadakṣiṇakaramutthāpya
ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ (aiōn g165) 6
aparaṁ svargād yasya ravō mayāśrāvi sa puna rmāṁ sambhāvyāvadat tvaṁ gatvā samudramēdinyōstiṣṭhatō dūtasya karāt taṁ vistīrṇa kṣudragranthaṁ gr̥hāṇa, tēna mayā dūtasamīpaṁ gatvā kathitaṁ granthō 'sau dīyatāṁ| (aiōn g165)
بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، ــ دېدى. 7
kintu tūrīṁ vādiṣyataḥ saptamadūtasya tūrīvādanasamaya īśvarasya guptā mantraṇā tasya dāsān bhaviṣyadvādinaḥ prati tēna susaṁvādē yathā prakāśitā tathaiva siddhā bhaviṣyati|
مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ: ــ بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى. 8
aparaṁ svargād yasya ravō mayāśrāvi sa puna rmāṁ sambhāṣyāvadat tvaṁ gatvā samudramēdinyōstiṣṭhatō dūtasya karāt taṁ vistīrṇaṁ kṣudragranthaṁ gr̥hāṇa,
مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: ــ بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى. 9
tēna mayā dūtasamīpaṁ gatvā kathitaṁ granthō 'sau dīyatāṁ| sa mām avadat taṁ gr̥hītvā gila, tavōdarē sa tiktarasō bhaviṣyati kintu mukhē madhuvat svādu rbhaviṣyati|
مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. 10
tēna mayā dūtasya karād granthō gr̥hītō gilitaśca| sa tu mama mukhē madhuvat svādurāsīt kintvadanāt paraṁ mamōdarastiktatāṁ gataḥ|
شۇنىڭ بىلەن ماڭا: ــ سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى. 11
tataḥ sa mām avadat bahūn jātivaṁśabhāṣāvadirājān adhi tvayā puna rbhaviṣyadvākyaṁ vaktavyaṁ|

< ۋەھىي 10 >