< زەبۇر 97 >
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! يەر-زېمىن خۇش بولسۇن، كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن! | 1 |
The LORD reigns, let the earth rejoice; let the distant shores be glad.
بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛ | 2 |
Clouds and darkness surround Him; righteousness and justice are His throne’s foundation.
ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛ | 3 |
Fire goes before Him and consumes His foes on every side.
ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛ | 4 |
His lightning illuminates the world; the earth sees and trembles.
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ. | 5 |
The mountains melt like wax at the presence of the LORD, before the Lord of all the earth.
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ. | 6 |
The heavens proclaim His righteousness; all the peoples see His glory.
ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار! | 7 |
All worshipers of images are put to shame— those who boast in idols. Worship Him, all you gods!
سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار، زىئون ئاڭلاپ شادلاندى، يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى. | 8 |
Zion hears and rejoices, and the towns of Judah exult because of Your judgments, O LORD.
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن! | 9 |
For You, O LORD, are Most High over all the earth; You are exalted far above all gods.
پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار! ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ. | 10 |
Hate evil, O you who love the LORD! He preserves the souls of His saints; He delivers them from the hand of the wicked.
ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛ | 11 |
Light shines on the righteous, gladness on the upright in heart.
پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار! | 12 |
Rejoice in the LORD, you righteous ones, and praise His holy name.