< زەبۇر 96 >
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! پۈتكۈل يەر يۈزى، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار! | 1 |
O sing to Jehovah a new song. Sing to Jehovah, all the earth.
پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىڭلار، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، نىجاتلىقىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار! | 2 |
Sing to Jehovah, bless his name. Show forth his salvation from day to day.
ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئەللەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار! | 3 |
Declare his glory among the nations, his marvelous works among all the peoples.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ | 4 |
For great is Jehovah, and greatly to be praised. He is to be feared above all gods.
چۈنكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر. | 5 |
For all the gods of the peoples are idols, but Jehovah made the heavens.
شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، مۇقەددەس جايىدا قۇدرەت ۋە گۈزەللىك كۆرۈنىدۇ. | 6 |
Honor and majesty are before him. Strength and beauty are in his sanctuary.
پەرۋەردىگارغا [تەئەللۇقىنى] بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر! | 7 |
Ascribe to Jehovah, ye kindred of the peoples. Ascribe to Jehovah glory and strength.
پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شان-شۆھرەتنى بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ھويلىلىرىغا كىرىڭلار! | 8 |
Ascribe to Jehovah the glory due to his name. Bring an offering, and come into his courts.
پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! | 9 |
O worship Jehovah in holy array. Tremble before him, all the earth.
ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! شۇڭا مانا، دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. ئۇ ئادىللىق بىلەن خەلقلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. | 10 |
Say among the nations, Jehovah reigns! The world also is established that it cannot be moved. He will judge the peoples with equity.
ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر-جاھان خۇش بولسۇن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! | 11 |
Let the heavens be glad, and let the earth rejoice. Let the sea roar, and the fullness thereof.
دالالار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ كېلىدۇ! ئۇ جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ. | 12 |
Let the field exult, and all that is in it. Then all the trees of the wood shall sing for joy
before Jehovah, for he comes. For he comes to judge the earth. He will judge the world with righteousness, and the peoples with his truth.