< زەبۇر 95 >
كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى، نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى! | 1 |
率われらヱホバにむかひてうたひ すくひの磐にむかひてよろこばしき聲をあげん
تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى، ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى! | 2 |
われら感謝をもてその前にゆき ヱホバにむかひ歌をもて歓ばしきこゑをあげん
چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر. | 3 |
そはヱホバは大なる神なり もろもろの神にまされる大なる王なり
يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر. | 4 |
地のふかき處みなその手にあり 山のいただきもまた神のものなり
دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛ قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى. | 5 |
うみは神のものその造りたまふところ旱ける地もまたその手にて造りたまへり
كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى، پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى! | 6 |
いざわれら拝みひれふし我儕をつくれる主ヱホバのみまへに曲跪くべし
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق، ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز. بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، | 7 |
彼はわれらの神なり われらはその草苑の民その手のひつじなり 今日なんぢらがその聲をきかんことをのぞむ
ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار! | 8 |
なんぢらメリバに在りしときのごとく 野なるマサにありし日の如く その心をかたくなにするなかれ
مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى. | 9 |
その時なんぢらの列祖われをこころみ我をためし 又わがわざをみたり
مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ «بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم. | 10 |
われその代のためにうれへて四十年を歴 われいへり かれらは心あやまれる民わが道を知ざりきと
شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم. | 11 |
このゆゑに我いきどほりて彼等はわが安息にいるべからずと誓ひたり