< زەبۇر 94 >
ئى ئىتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پەرۋەردىگار! ئى ئىنتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پارلىغايسەن! | 1 |
Awurade, Onyankopɔn a wotɔ were, Onyankopɔn a wotɔ were, hyerɛn.
كۆتۈرۈلگىن، ئۆزۈڭنى كۆتۈرگىن، ئى جاھاننى سوراق قىلغۇچى، مەغرۇرلارغا جازاسىنى بەرگىن! | 2 |
Sɔre, asase so Temmufo, tua ahantanfo ka sɛnea ɛfata wɔn.
قاچانغىچە رەزىللەر، ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە رەزىللەر تەنتەنە قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ؟ | 3 |
Awurade, enkosi da bɛn, amumɔyɛfo nnye wɔn ani nkosi da bɛn?
قاچانغىچە ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەپ ۋالاقشىيدۇ، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يوغان گەپ قىلىپ يۈرىدۇ؟ | 4 |
Wɔkasa ahantan so; ahohoahoa ahyɛ abɔnefo nyinaa ma.
ئۇلار خەلقىڭنى ئېزىدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مىراسىڭغا جەبىر-جاپا سالماقتا. | 5 |
Awurade, wɔdwerɛw wo nkurɔfo; wɔhyɛ wʼagyapade so.
تۇل ئايال ۋە غېرىپ-مۇساپىرلارنى قىرىپ، يېتىم-يېسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ: ــ | 6 |
Wokunkum akunafo ne ananafo; na wodi ayisaa awu.
«ياھ كۆرمەيدۇ»، «ياقۇپنىڭ خۇداسى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ»، ــ دەيدۇ. | 7 |
Wɔka se, “Awurade nhu, Yakob Nyankopɔn ayi nʼani.”
سىلەر كۆڭۈل قويۇڭلار، ئى ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى! ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟ | 8 |
Monhwɛ yiye, mo agyimifo a mowɔ nnipa no mu; nkwaseafo, da bɛn na mubehu nyansa?
قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟ | 9 |
Nea ɔbɔɔ aso no rente asɛm ana? Nea ɔyɛɛ ani no renhu ade ana?
ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل-بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟ | 10 |
Nea ɔteɛteɛ aman so no rentwe aso ana? Nea ɔkyerɛkyerɛ onipa no nnim nyansa ana?
پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. | 11 |
Awurade nim onipa nsusuwii; onim sɛ enkosi hwee.
سەن تەربىيىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر، ئى ياھ، يەنى سەن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ئەقىل ئۆگىتىدىغان كىشى بەختلىكتۇر! | 12 |
Awurade, nhyira ne onipa a woteɛteɛ no so, onipa a wokyerɛ no wo mmara no;
شۇنداق قىلىپ، تاكى پاسىقلار ئۈچۈن ئورەك كولانغۇچە ــ سەن ئۇنى يامان كۈنلەردىن خاتىرجەم ساقلايسەن. | 13 |
Woma ɔhome fi amanehunu nna mu, kosi sɛ wobetu amoa ama amumɔyɛfo.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەيدۇ، ياكى ئۆز مىراسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. | 14 |
Awurade rempo ne nkurɔfo; na ɔrennyaw nʼagyapade hɔ da.
چۈنكى ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى ھامان ئادالەتكە قايتىدۇ، بارلىق دىلى دۇرۇسلار بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ. | 15 |
Atemmu begyina treneeyɛ so bio, na wɔn a wɔn koma mu tew nyinaa bedi so.
مەن ئۈچۈن يامانلار بىلەن قارشىلىشىشقا كىم ئورنىدىن تۇرىدۇ؟ مەن ئۈچۈن قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشىقا كىم مەيدانغا چىقىدۇ؟ | 16 |
Hena na ɔbɛsɔre atia amumɔyɛfo ama me? Hena na ɔbɛsɔre atia abɔnefo ama me?
ئەگەر پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولمىغان بولسا، جېنىم بالدۇر چىقىپ سۈكۈت دىيارىدا ياتار ئىدى. | 17 |
Sɛ Awurade ammoa me a, anka mekɔɔ owu kommyɛ mu ntɛm so.
ئايىغىم پۇتلىشاي دېگىنىدە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مېنى يۆلىدى. | 18 |
Bere a mekae se, “Me nan rewatiri” no, Awurade, wo dɔ no soo me mu.
ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-ئەندىشىلەر ئارىسىدا، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى. | 19 |
Bere a me dadwen dɔɔso no, wʼawerɛkyekye maa me kra abotɔyam.
ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟ | 20 |
Ahengua a porɔwee ahyɛ no mma no ne wo wɔ ayɔnkofa ana? Ahengua a ne hyɛ nsɛm de amanehunu na ɛba no?
ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ، بىگۇناھ قاننى تۆكىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارماقتا. | 21 |
Wɔka bɔ mu tia atreneefo na wɔn a wodi bem no, wobu wɔn kumfɔ.
بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر. | 22 |
Nanso Awurade yɛ mʼaban; na me Nyankopɔn ayɛ ɔbotan a ne mu na minya ahintawee.
ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلار. | 23 |
Obetua wɔn nnebɔne no so ka na wɔn amumɔyɛ nti wasɛe wɔn; Awurade yɛn Nyankopɔn bɛsɛe wɔn.