< زەبۇر 93 >
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ پەرۋەردىگار كىيىنگەن، ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛ بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. | 1 |
The LORD reigneth; he is apparelled with majesty; the LORD is apparelled, he hath girded himself with strength: the world also is stablished, that it cannot be moved.
سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛ سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن! | 2 |
Thy throne is established of old: thou art from everlasting.
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار، كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى! كەلكۈن-تاشقىنلار ئۇرغۇچى دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى! | 3 |
The floods have lifted up, O LORD, the floods have lifted up their voice; the floods lift up their waves.
كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن، ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر! | 4 |
Above the voices of many waters, the mighty breakers of the sea, the LORD on high is mighty.
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىكتۇر! كۈنلەر يوق بولغۇچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر. | 5 |
Thy testimonies are very sure: holiness becometh thine house, O LORD, for evermore.