< زەبۇر 92 >

شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى! 1
Псалом. Пісня на день суботній. То добре, щоб дякувати Господе́ві й виспі́вувати Йме́ння Твоє, о Всевишній,
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش، 2
вранці розповіда́ти про милість Твою, а ночами — про правду Твою —
ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ، چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر! 3
на десятистру́нній й на а́рфі, на лю́тні та гу́слах,
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن. 4
бо потішив мене Ти, о Господи, вчинком Своїм, — про діла́ Твоїх рук я співаю!
پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر! 5
Які то вели́чні діла Твої, Господи, дуже глибокі думки́ Твої,
بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس، 6
— нерозумна люди́на не знає, а недо́умок не зрозуміє того́!
رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر! 7
Коли несправедливі ростуть, як трава, і цвітуть всі злочи́нці, то на те, щоб навіки були вони знищені, —
لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن. 8
а Ти, Господи, на висоті повік-віку!
چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛ بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ! 9
Бо ось вороги Твої, Господи, бо ось вороги Твої згинуть, розпоро́шаться всі беззако́нники!
مۈڭگۈزۈمنى ياۋايى بۇقىنىڭكىدەك كۆتۈرىسەن؛ بېشىم يېڭى ماي سۈركەپ، مەسىھ قىلىنىدۇ. 10
І Ти ро́га мого підні́с немов в одноро́жця, мене намастив Ти оливою свіжою.
مېنى قەست قىلغانلارنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] ئۆز كۆزۇم كۆرىدۇ؛ ماڭا قارشىلىشىشقا قوزغالغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ [تەن بەرگەنلىكىنىمۇ] قۇلىقىم ئاڭلايدۇ. 11
І дивилося око моє на зане́пад моїх ворогів, тих злочинців, що на мене встають, — почують про це мої уші!
ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛ ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ. 12
Зацвіте́ справедливий, як па́льма, і ви́женеться, немов кедр на Лива́ні, —
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تىكىلگەنلەر، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا گۈللىنىدۇ؛ 13
посаджені в домі Господнім цвітуть на подві́р'ях нашого Бога,
ئۇلار قېرىغاندىمۇ يەنە مېۋە بېرىدۇ، سۇلۇق ھەم يېشىل ئۇلار؛ 14
іще в сивині́ вони будуть цвісти́, будуть ситі та свіжі,
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگار دۇرۇستۇر، دەپ ئىسپاتلايدۇ؛ ئۇ مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ ناھەقلىك يوقتۇر! 15
щоб розповідати, що щирий Господь, моя скеля, і в Ньому неправди нема!

< زەبۇر 92 >