< زەبۇر 92 >
شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى! | 1 |
“A psalm for the Sabbath-day.” It is a good thing to give thanks to the LORD, And to sing praises to thy name, O Most High!
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش، | 2 |
To show forth thy loving-kindness in the morning, And thy faithfulness every night,
ئون تارلىق ساز ۋە راۋابنى چېلىپ، چىلتار بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭدا چېلىش ئەلادۇر! | 3 |
Upon the ten-stringed instrument and the lute, Upon the harp with a solemn sound.
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇرسەن قىلدىڭ، قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرى بىلەن مەن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمەن. | 4 |
For thou, LORD, hast made me glad by thy doings; In the works of thy hands I greatly rejoice!
پەرۋەردىگار، قىلغان ئىشلىرىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغدۇر! ئويلىرىڭ ناھايىتى چوڭقۇردۇر! | 5 |
How great are thy works, O LORD! How deep thy purposes!
بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس، | 6 |
But the unwise man knoweth not this, And the fool understandeth it not.
رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر! | 7 |
When the wicked spring up like grass, And all who practise iniquity flourish, It is but to be destroyed for ever!
لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن. | 8 |
Thou, O LORD! art for ever exalted!
چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛ بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ! | 9 |
For, lo! thine enemies, O LORD! For, lo! thine enemies perish, And dispersed are all who do iniquity!
مۈڭگۈزۈمنى ياۋايى بۇقىنىڭكىدەك كۆتۈرىسەن؛ بېشىم يېڭى ماي سۈركەپ، مەسىھ قىلىنىدۇ. | 10 |
But my horn thou exaltest like the buffalo's; I am anointed with fresh oil.
مېنى قەست قىلغانلارنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] ئۆز كۆزۇم كۆرىدۇ؛ ماڭا قارشىلىشىشقا قوزغالغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ [تەن بەرگەنلىكىنىمۇ] قۇلىقىم ئاڭلايدۇ. | 11 |
Mine eye hath gazed with joy upon mine enemies; Mine ears have heard with joy of my wicked adversaries.
ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛ ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ. | 12 |
The righteous shall flourish like the palm-tree; They shall grow up like the cedars of Lebanon;
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تىكىلگەنلەر، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا گۈللىنىدۇ؛ | 13 |
Planted in the house of the LORD, They shall flourish in the courts of our God.
ئۇلار قېرىغاندىمۇ يەنە مېۋە بېرىدۇ، سۇلۇق ھەم يېشىل ئۇلار؛ | 14 |
Even in old age they bring forth fruit; They are green, and full of sap;
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگار دۇرۇستۇر، دەپ ئىسپاتلايدۇ؛ ئۇ مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ ناھەقلىك يوقتۇر! | 15 |
To show that the LORD, my rock, is upright, That there is no unrighteousness in him.