< زەبۇر 91 >
ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ. | 1 |
Eng Aliy Bolghuchining mexpiy jayida turghuchi, Hemmige qadirning sayiside aramxuda yashaydu.
مەن پەرۋەردىگارنى: ــ «مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛ مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» ــ دەيمەن. | 2 |
Men Perwerdigarni: — «Méning bashpanahim, Méning qorghinim; Méning Xudayim, Uninggha tayinimen» — deymen.
بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم ۋابا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ. | 3 |
Berheq, U qiltaqchining toziqidin séni qutulduridu, Shum waba-qazadin hem xalas étidu.
ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر. | 4 |
U peyliri bilen séni yapidu; Qanatliri astida panah tapisen; Uning heqiqiti sanga qalqan hem istihkamdur.
سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن، | 5 |
Sen ne kéchidiki wehimidin, Ne kündüzi uchuwatqan oqtin,
نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن. | 6 |
Ne qarangghuluqta kezgüchi wabadin, Ne chüsh waqtida weyranchiliq qilghuchi halakettin qorqmaysen.
سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ. | 7 |
Séning yéningda mingi yiqilip, Ong yéqingda on mingi ghulap chüshsimu, Lékin bala-qaza sanga yéqinlashmaydu.
سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ، پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن. | 8 |
Sen peqet közliring bilen béqip, Pasiqlargha bérilgen jazani körisen.
پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، | 9 |
Perwerdigarni panahim dep bilgining üchün, Hemmidin Aliy Bolghuchini makan qilghining üchün,
بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، ھېچ ۋابا چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ. | 10 |
Béshinggha héch palaket chüshmeydu, Héch waba chédiringgha yéqinlashmaydu.
ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ. | 11 |
U Öz perishtilirige séning heqqingde emr qilidu, Shuning bilen ular pütkül yolliringda séni saqlaydu.
ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. | 12 |
Ayighing tashqa urulup ketmesliki üchün, Ular séni qollirida kötürüp yüridu.
شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن. | 13 |
Shir we kobra yilan üstidin bésip ötisen, Arslan we ejdihani dessep-cheyleysen.
«ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن. | 14 |
«U Manga muhebbitini baghlighanliqi üchün, Men uni qutuldurimen; U namimni ten alghini üchün yuqirida saqlaymen.
ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن. | 15 |
U Manga nida qilidu, Men uninggha jawab bérimen; Éghir kün uni basqanda uning bilen bille bolimen; Men uni xalas qilip, izzet-hörmetke sazawer qilimen.
ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن». | 16 |
Uzaq ömür bilen uni qandurimen, Hem nijatliqimni uninggha körsitimen».