< زەبۇر 90 >
خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى: ــ يا رەببىم، سەن بارلىق دەۋردە بىزگە ماكان بولۇپ كېلىۋاتىسەن؛ | 1 |
Prière de Moïse, homme de Dieu. Éternel, tu as été notre refuge d'une génération à l'autre génération;
تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن. | 2 |
avant que les montagnes fussent enfantées, et que tu eusses engendré la terre et le monde, oui, de l'éternité à l'éternité tu es, ô Dieu.
سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ: ــ «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن. | 3 |
Tu fais rentrer l'homme dans la poudre, et tu dis: « Rentrez-y, enfants des hommes! »
مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس. | 4 |
Car mille ans sont à tes yeux comme le jour d'hier, quand il est passé, et comme une veille dans la nuit.
سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ ــ | 5 |
Tu les emportes, ils sont un rêve; le matin, comme l'herbe, l'homme lève;
ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر. | 6 |
le matin il fleurit et lève; le soir il est tranché, et il sèche.
چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە-دۈككىدە قالىمىز. | 7 |
Car nous sommes consumés par ta colère, et par ton courroux nous sommes terrassés.
سەن قەبىھلىكلىرىمىزنى كۆز ئالدىڭغا، يوشۇرۇن قىلمىشلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرى ئالدىغا قويدۇڭ. | 8 |
Tu produis nos péchés à ta vue, et nos secrets à la lumière de ta face.
بارلىق كۈنلىرىمىز دەرغەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يىللىرىمىزنى بىر ئۇھ تارتىش بىلەنلا تۈگىتىمىز. | 9 |
Car tous nos jours fuient devant ta fureur, nous perdons nos années, comme une pensée.
ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل، ماغدۇرىمىز بار بولسا سەكسەن يىل؛ بىراق ئۇلارنىڭ پەخرى جاپا ۋە بىھۇدىلىكتۇر؛ ھايات تېزلىك بىلەن ئۈزەر، مانا، بىز ئۇچۇپ كەتتۇق. | 10 |
Les jours de notre vie, ce sont soixante-dix années, et, pour les forts, quatre-vingts années; et ce qui fait leur orgueil est peine et néant; car il passe vite, et nous nous envolons.
ساڭا بولغان ھۆرمەت-ئەيمىنىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھېسابلىنىدىغان، ئاچچىقىڭنىڭ شىددىتىنى كىم بىلسۇن؟ | 11 |
Qui connaît la puissance de ta colère, et mesure ton courroux sur la crainte qui t'est due?
شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن! | 12 |
Apprends-nous à faire un tel compte de nos jours, que nous acquérions un cœur sage!
يېنىمىزغا قايتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سېنى قاچانغىچە...؟! قۇللىرىڭغا رەھىم قىلغايسەن! | 13 |
Reviens, Éternel! Jusques à quand?… Et prends pitié de tes serviteurs!
بىزنى ئەتىگەندە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قاندۇرغايسەن؛ ئۇنداقتا بارلىق كۈنلىرىمىزدە كۈيلەرنى ياڭرىتىپ شادلىنىمىز. | 14 |
Rassasie-nous bientôt de ta grâce, et nous serons triomphants et joyeux durant tous nos jours!
سەن بىزنى جاپاغا چۆمگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، كۈلپەتنى كۆرگەن يىللىرىمىزغا ئاساسەن يەنە خۇرسەن قىلغىن! | 15 |
Donne-nous de la joie pour le temps que tu nous affligeas, pour les années où nous connûmes le malheur!
ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ قۇللىرىڭغا كۆرۈنگەي، شانۇ-شەۋكىتىڭ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ئاشكارا بولغاي! | 16 |
Rends ton action visible à tes serviteurs, et ta majesté à leurs enfants!
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ شېرىن مەرھەمىتى ئۈستىمىزدە بولغاي، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغايسەن، بەرھەق، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن! | 17 |
Que la faveur du Seigneur, notre Dieu, soit sur nous! Et consolide pour nous l'œuvre de nos mains, oui, consolide l'œuvre de nos mains!