< زەبۇر 9 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سەن پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيەلەيمەن؛ مەن سېنىڭ قىلغان بارلىق كارامەتلىرىڭنى بايان قىلاي؛ | 1 |
For the music director. According to Muth-labben. A psalm of David. I will praise you, Lord, with all my heart; I will tell of all the amazing things you have done.
مەن سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ سېنىڭ نامىڭنى ناخشا قىلىپ ئېيتىمەن، ئى ھەممىدىن ئالىي! | 2 |
I will be glad and celebrate in you; I will sing praises to your wonderful nature, Most High God.
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنىڭ كەينىگە يېنىشلىرى بولسا، دەل ئۇلارنىڭ سېنىڭ دىدارىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، يوقىلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. | 3 |
Those who hate me retreat; they fall back and die when you confront them.
چۈنكى سەن مېنىڭ ھەققىم ھەم دەۋايىمنى سورىدىڭ؛ سەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ھەققانىيلارچە سوتلىدىڭ. | 4 |
For you have judged that I am right; you have decided fairly from your throne of judgment.
سەن ئەللەرگە تەنبىھ بېرىپ، رەزىللەرنى ھالاك قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ نامىنى مەڭگۈگە ئۆچۈرۈۋەتكەنسەن. | 5 |
You have condemned the nations; you have destroyed the wicked; you have wiped out their names forever and ever.
ئى دۈشمىنىم! ھالاكەتلىرىڭ مەڭگۈلۈك بولدى! سەن شەھەرلىرىنى يۇلۇپ تاشلىۋەتتىڭ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ناملىرىمۇ يوقاپ كەتتى؛ | 6 |
The enemies are finished, ruined forever; their cities are destroyed—even the memory of them is gone.
بىراق پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ئولتۇرۇپ [ھۆكۈم سۈرىدۇ]؛ ئۇ ئۆز تەختىنى سوت قىلىشقا تەييارلاپ بېكىتكەن؛ | 7 |
But the Lord rules forever, his throne is set up for judgment.
ئالەمنى ھەققانىيلىق بىلەن سوت قىلغۇچى ئۇدۇر؛ خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ | 8 |
The Lord judges the world rightly; he judges the nations fairly.
ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر. | 9 |
The Lord is a place of safety for those who are oppressed, a fortress in times of trouble.
نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن. | 10 |
Those who know your nature trust in you, for you don't abandon those who come to you.
زىئوندا تۇرغۇچى پەرۋەردىگارغا كۈيلەرنى ياڭرىتىڭلار! ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بايان قىلىڭلار؛ | 11 |
Sing praises to the Lord who reigns in Zion! Tell the nations what he has done!
چۈنكى [تۆكۈلگەن] قاننىڭ سورىقىنى قىلغۇچى ئۇدۇر، ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، خار قىلىنغانلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئۇ ئۇنتۇغان ئەمەس. | 12 |
He does not forget to punish murderers; he does not ignore the cries of the suffering.
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛ | 13 |
Be gracious to me, Lord! Look at how my enemies are persecuting me! Grab me back from the gates of death,
شۇنداق قىلغاندا مەن زىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ، ساڭا تەئەللۇق بارلىق مەدھىيىلەرنى جاكارلايمەن؛ مەن نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشۇڭدا شادلىنىمەن. | 14 |
so I can praise you at Zion's gates, happy that you have saved me.
ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى. | 15 |
The nations have fallen into their own pit they dug; their feet are trapped by their own net they set.
پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ. | 16 |
The Lord is known for his fairness; the wicked are trapped by their own actions. (Higgaion, Selah)
رەزىللەر، يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ. (Sheol ) | 17 |
The wicked depart, going to the grave—all nations who turn their backs on God. (Sheol )
چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ. | 18 |
But the needy will not be ignored forever, the hope of those who suffer will not always be dashed.
ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇرغىن؛ ئادەم بالىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغىن؛ ھۇزۇرۇڭ ئالدىدا بارلىق ئەللەر سوتلانسۇن. | 19 |
Stand up, Lord! Don't let human beings win! Let the nations be brought before you for judgment!
ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈر، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئۆزلىرىنى بىز پەقەت ئادەم بالىلىرى خالاس، دەپ بىلسۇن! سېلاھ! | 20 |
Lord, terrify them! Let them know they are only human! (Selah)