< زەبۇر 89 >
ئەزراھلىق ئېتان يازغان «ماسقىل»: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ئاغزىمدا دەۋردىن-دەۋرگىچە ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئايان قىلىمەن. | 1 |
(En Maskil af Ezraitten Etan.) Om HERRENs, Nåde vil jeg evigt synge, fra Slægt til Slægt med min Mund forkynde din Trofasthed.
چۈنكى مەن: ئۆزگەرمەس مۇھەببەت مەڭگۈگە تىكلىنىپ ماڭىدۇ، سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئەرشىئەلادا مۇستەھكەملەۋاتىسەن ــ دەپ بىلدىم؛ | 2 |
Thi du har sagt: "En evig Bygning er Nåden!" I Himlen har du grundfæstet din Trofasthed.
سەن دېدىڭكى: ــ «مەن تاللىۋالغىنىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنمەن؛ قۇلۇم داۋۇتقا قەسەم قىلدىم: ــ | 3 |
Jeg sluttede en Pagt med min udvalgte, tilsvor David, min Tjener:
سېنىڭ ئەۋلادىڭنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرىمەن، تەختىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قۇرۇپ چىقىمەن». سېلاھ. | 4 |
"Jeg lader din Sæd bestå for evigt, jeg bygger din Trone fra Slægt til Slægt!" (Sela)
ھەم ئاسمانلارمۇ سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭنى تەبرىكلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەسلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇلار ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ | 5 |
Og Himlen priser dit Under, HERRE, din Trofasthed i de Helliges Forsamling.
چۈنكى ئاسمانلاردا پەرۋەردىگارنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا پەرۋەردىگارغا ئوخشايدىغان كىم بار؟ | 6 |
Thi hvem i Sky er HERRENs Lige, hvo er som HERREN iblandt Guds Sønner?
تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر. | 7 |
En forfærdelig Gud i de Helliges Kreds, stor og frygtelig over alle omkring ham.
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، قۇدرەتلىك ياھ، ساڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ ئەتراپىڭدا ھەقىقەت-ساداقىتىڭ تۇرۇقلۇقتۇر. | 8 |
HERRE, Hærskarers Gud, hvo er som du? HERRE, din Nåde og Trofasthed omgiver dig.
دېڭىزنىڭ مەغرۇرلۇقى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىسەن، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگەندە، سەن ئۇلارنى تىنچلاندۇرىسەن؛ | 9 |
Du mestrer Havets Overmod; når Bølgerne bruser, stiller du dem.
راھابنى ئۆلگۈدەك يانجىدىڭسەن، كۈچلۈك بىلىكىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلىپ تارقىتىۋەتتىڭ. | 10 |
Du knuste Rahab som en fældet Kriger, splitted dine Fjender med vældig Arm.
ئاسمانلار سېنىڭكى، يەرمۇ سېنىڭكىدۇر، جاھان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممىنى بەرپا قىلدىڭ. | 11 |
Din er Himlen, og din er Jorden, du grundede Jorderig med dets Fylde.
شىمال ۋە جەنۇبنى، ئۇلارنى ياراتقانسەن، تابور ۋە ھەرمون چوققىلىرى نامىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەر. | 12 |
Norden og Sønden skabte du, Tabor og Hermon jubler over dit Navn.
قۇدرەتلىك بىلەك سېنىڭكىدۇر؛ كۈچلۈكتۇر سېنىڭ قولۇڭ، ئوڭ قولۇڭ ھەم كۆتۈرۈكلۈكتۇر. | 13 |
Du har en Arm med Vælde, din Hånd er stærk, din højre løftet.
تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. | 14 |
Retfærd og Ret er din Trones Grundvold, Nåde og Sandhed står for dit Åsyn.
تەنتەنە ساداسىنى بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ جامالىڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ، ئى پەرۋەردىگار! | 15 |
Saligt det Folk, der kender til Frydesang, vandrer, HERRE, i dit Åsyns Lys!
ئۇلار نامىڭدا كۈن بويى شاد بولار، ھەققانىيلىقىڭدا ئۇلار كۆتۈرۈلدى. | 16 |
De lovsynger Dagen igennem dit Navn, ophøjes ved din Retfærdighed.
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ شان-شەرىپى ئۆزۈڭدۇرسەن، سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز كۆتۈرۈلىدۇ. | 17 |
Thi du er vor Styrkes Stolthed, du løfter vort Horn ved din Yndest;
چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر. | 18 |
thi vort Skjold er hos HERREN, vor Konge er Israels Hellige!
سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن: ــ «مەن بىر ئەزىمەت ئۈستىگە ياردىمىمنى قوندۇردۇم، ئەل ئارىسىدىن مەن تاللىۋالغان بىرسىنى كۆتۈردۈم؛ | 19 |
Du taled engang i et Syn til dine fromme: "Krone satte jeg på en Helt, ophøjed en Yngling af Folket;
قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىم بىلەن مەن ئۇنى مەسىھ قىلىپ تىكلىدىم. | 20 |
jeg har fundet David, min Tjener, salvet ham med min hellige Olie;
قولۇم ئۇنىڭغا يار بولۇشقا بېكىتىلگەن، بىلىكىم ئۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. | 21 |
thi min Hånd skal holde ham fast, og min Arm skal give ham Styrke.
دۈشمەن ئۇنىڭدىن ھېچ ئالۋان-سېلىق ئالمايدۇ، پەسكەش ئادەم ئۇنى قىستىمايدۇ؛ | 22 |
Ingen Fjende skal overvælde ham, ingen Nidding trykke ham ned;
بەلكى مەن رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا يانجىيمەن، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ | 23 |
jeg knuser hans Fjender foran ham og nedstøder dem, der bader ham;
ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىم ھەم مېھىر-مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، ھەم مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆتۈرۈلىدۇ. | 24 |
med ham skal min Trofasthed og Miskundhed være, hans Horn skal løfte sig ved mit Navn;
مەن ئۇنىڭ قولىنى دېڭىز ئۈستىدە، ئوڭ قولىنى دەريالار ئۈستىدە قويىمەن. | 25 |
jeg lægger Havet under hans Hånd og Strømmene under hans højre;
ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى: ــ «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!». | 26 |
mig skal han kalde: min Fader, min Gud og min Frelses Klippe.
مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن. | 27 |
Jeg gør ham til førstefødt, den største blandt Jordens Konger;
مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛ | 28 |
jeg bevarer for evigt min Miskundhed mod ham, min Pagt skal holdes ham troligt;
مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن. | 29 |
jeg lader hans Æt bestå for evigt, hans Trone, så længe Himlen er til.
مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات-قانۇنۇمدىن چىقىپ، ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە، | 30 |
Hvis hans Sønner svigter min Lov og ikke følger mine Lovbud,
بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا، | 31 |
hvis de bryder min Vedtægt og ikke holder mit Bud,
ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، گۇناھىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن. | 32 |
da hjemsøger jeg deres Synd med Ris, deres Brøde med hårde Slag;
لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، ھەقىقەت-ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛ | 33 |
men min Nåde tager jeg ikke fra ham, min Trofasthed svigter jeg ikke;
مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن. | 34 |
jeg bryder ikke min Pagt og ændrer ej mine Læbers Udsagn.
مەن بىر قېتىم پاك-مۇقەددەسلىكىمگە قەسەم ئىچتىم ــ داۋۇتقا قەتئى يالغان سۆزلىمەيمەن: ــ | 35 |
Ved min Hellighed svor jeg een Gang for alle - David sviger jeg ikke:
«ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛ | 36 |
Hans Æt skal blive for evigt, hans Trone for mig som Solen,
ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار». سېلاھ. | 37 |
stå fast som Månen for evigt, og Vidnet på Himlen er sanddru, (Sela)
بىراق سەن بۇلارنى چەتكە قېقىپ، تېنىپ كەتتىڭ؛ سەن مەسىھ قىلغان پادىشاھقا قاتتىق غەزەپلەندىڭ. | 38 |
Men du har forstødt og forkastet din Salvede og handlet i Vrede imod ham;
قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ. | 39 |
Pagten med din Tjener har du brudt, vanæret hans Krone og trådt den i Støvet;
ئۇنىڭ بارلىق تام-پاسىللىرىنى يىقىتىپ، قەلئەلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ. | 40 |
du har nedbrudt alle hans Mure, i Grus har du lagt hans Fæstninger;
يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلىماقتا، ئۇ بارلىق قوشنىلىرى ئالدىدا رەسۋا بولدى. | 41 |
alle vejfarende plyndrer ham, sine Naboer blev han til Spot.
ئۇنى ئەزگەنلەرنىڭ ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى خۇشال قىلدىڭ. | 42 |
Du har løftet hans Uvenners højre og glædet alle hans Fjender;
بەرھەق، سەن ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى قايرىۋەتتىڭ، جەڭدە ئۇنى تىك تۇرغۇزمىدىڭ. | 43 |
hans Sværd lod du vige for Fjenden, du holdt ham ej oppe i Kampen;
ئۇنىڭ جۇلالىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ تەختىنى يەرگە ئۆرۈۋەتتىڭسەن. | 44 |
du vristed ham Staven af Hænde og styrted hans Trone til Jorden,
ياشلىق كۈنلىرىنى سەن قىسقارتتىڭ، ئۇنى خىجالەتكە چۆمدۈردۈڭ. سېلاھ. | 45 |
afkorted hans Ungdoms Dage og hylled ham ind i Skam. (Sela)
قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ ئۆزۈڭنى ئەبەدىي يوشۇرىۋېرەمسەن؟ قەھرىڭ ئوت كەبى مەڭگۈ يانارمۇ؟ | 46 |
Hvor længe vil du skjule dig, HERRE, for evigt, hvor længe skal din Vrede lue som Ild?
ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتقىن! نېمىشقىمۇ بارلىق ئىنسان بالىلىرىنى بىھۇدىلىككە ياراتقانسەن؟ | 47 |
Herre, kom i Hu, hvad Livet er, til hvilken Tomhed du skabte hvert Menneskebarn!
قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ سېلاھ. (Sheol ) | 48 |
Hvo bliver i Live og skuer ej Død, hvo frelser sin sjæl fra Dødsrigets Hånd? (Sela) (Sheol )
سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە داۋۇتقا قەسەم ئىچكەن، ئاۋۋالقى مېھىر-مۇھەببەتلەر قەيەردە قالدى، يا رەببىم؟ | 49 |
Hvor er din fordums Nåde, Herre, som du i Trofasthed tilsvor David?
قۇللىرىڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ياد ئەتكەيسەن، ئى رەب ــ مەن ئىچىمدە پۈتكۈل كۈچلۈك ئەللەرنىڭ مازاقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ــ | 50 |
Kom, Herre, din Tjeners Skændsel i Hu, at jeg bærer Folkenes Spot i min Favn,
دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغاننىڭ قەدەملىرىنى قانچىلىك مەسخىرىلىگىنىنى، ئى پەرۋەردىگار، ياد ئەتكەيسەن! | 51 |
hvorledes dine Fjender håner, HERRE, hvorledes de håner din Salvedes Fodspor.
پەرۋەردىگارغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ئامىن! ئامىن! | 52 |
Lovet være HERREN i Evighed, Amen, Amen!