< زەبۇر 88 >
كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. | 1 |
Pjesma. Psalam. Sinova Korahovih. Zborovođi. Po napjevu “Bolest”. Za pjevanje. Poučna pjesma. Ezrahijca Hemana. Jahve, Bože moj, vapijem danju, a noću naričem pred tobom.
دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛ نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ | 2 |
Neka dopre do tebe molitva moja, prigni uho k vapaju mome.
چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان، (Sheol ) | 3 |
Jer mi je duša zasićena patnjama, moj se život bliži Podzemlju. (Sheol )
ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛ كۈچ-مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم. | 4 |
Broje me k onima što u grob silaze, postadoh sličan nemoćniku.
ئۆلۈكلەر ئارىسىغا تاشلانغانمەن، قىرىلىپ قەبرىدە ياتقانلاردەك؛ سەن ئۇلارنى يەنە ئەسلىمەيسەن، ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان. | 5 |
Među mrtvima moj je ležaj, poput ubijenih što leže u grobu kojih se više ne spominješ, od kojih si ustegao ruku.
سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ. | 6 |
Smjestio si me u jamu duboku, u tmine, u bezdan.
قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى، بارلىق دولقۇنلىرىڭ بىلەن مېنى قىينىدىڭ. | 7 |
Teško me pritišće ljutnja tvoja i svim me valima svojim prekrivaš.
مەندىن دوست-بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛ ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ؛ مەن قامالغانمەن، ھېچ چىقالمايمەن. | 8 |
Udaljio si od mene znance moje, Óučini da im gnusan budem: zatvoren sam, ne mogu izaći.
كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛ ھەر كۈنى ساڭا نىدا قىلىمەن، ئى پەرۋەردىگار، قوللىرىمنى ساڭا كۆتۈرۈپ كەلدىم. | 9 |
Od nevolje oči mi gasnu: vapijem tebi, Jahve, iz dana u dan, za tobom ruke pružam.
ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسىتەرسەنمۇ؟ مەرھۇملار ئورنىدىن تۇرۇپ ساڭا تەشەككۈر ئېيتارمۇ؟ | 10 |
Zar na mrtvima činiš čudesa? Zar će sjene ustati i hvaliti tebe?
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ قەبرىدە بايان قىلىنارمۇ؟ ھالاكەت دىيارىدا سادىقلىق-ھەقىقىتىڭ ماختىلارمۇ؟ | 11 |
Zar se u grobu pripovijeda o tvojoj dobroti? O vjernosti tvojoj u Propasti?
كارامەتلىرىڭ زۈلمەتتە تونۇلارمۇ؟ ھەققانىيلىقىڭ «ئۇنتۇلۇش زېمىنى»دە بىلىنەرمۇ؟ | 12 |
Zar se u tmini objavljuju čudesa tvoja i tvoja pravda u Zaboravu?
بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ. | 13 |
Ipak ja vapijem tebi, Jahve, prije jutra molitvom te pretječem.
ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟ | 14 |
Zašto, Jahve, odbacuješ dušu moju? Zašto sakrivaš lice od mene?
ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛ ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى. | 15 |
Bijedan sam i umirem već od dječaštva, klonuh noseći tvoje strahote.
قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛ ۋەھىمىلىرىڭ مېنى نابۇت قىلدى. | 16 |
Preko mene prijeđoše vihori tvojega gnjeva, strahote me tvoje shrvaše,
ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى، تامامەن مېنى چۆمدۈردى. | 17 |
okružuju me kao voda sveudilj, optječu me svi zajedno.
جان دوستلىرىمنى، ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ، مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر! | 18 |
Udaljio si od mene prijatelja i druga: mrak mi je znanac jedini.