< زەبۇر 88 >

كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. 1
可拉后裔的诗歌,就是以斯拉人希幔的训诲诗,交与伶长。调用麻哈拉利暗俄。 耶和华—拯救我的 神啊, 我昼夜在你面前呼吁。
دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛ نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ 2
愿我的祷告达到你面前; 求你侧耳听我的呼求!
چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان، (Sheol h7585) 3
因为我心里满了患难; 我的性命临近阴间。 (Sheol h7585)
ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛ كۈچ-مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم. 4
我算和下坑的人同列, 如同无力的人一样。
ئۆلۈكلەر ئارىسىغا تاشلانغانمەن، قىرىلىپ قەبرىدە ياتقانلاردەك؛ سەن ئۇلارنى يەنە ئەسلىمەيسەن، ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان. 5
我被丢在死人中, 好像被杀的人躺在坟墓里。 他们是你不再记念的, 与你隔绝了。
سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ. 6
你把我放在极深的坑里, 在黑暗地方,在深处。
قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى، بارلىق دولقۇنلىرىڭ بىلەن مېنى قىينىدىڭ. 7
你的忿怒重压我身; 你用一切的波浪困住我。 (细拉)
مەندىن دوست-بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛ ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ؛ مەن قامالغانمەن، ھېچ چىقالمايمەن. 8
你把我所认识的隔在远处, 使我为他们所憎恶; 我被拘困,不得出来。
كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛ ھەر كۈنى ساڭا نىدا قىلىمەن، ئى پەرۋەردىگار، قوللىرىمنى ساڭا كۆتۈرۈپ كەلدىم. 9
我的眼睛因困苦而干瘪。 耶和华啊,我天天求告你,向你举手。
ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسىتەرسەنمۇ؟ مەرھۇملار ئورنىدىن تۇرۇپ ساڭا تەشەككۈر ئېيتارمۇ؟ 10
你岂要行奇事给死人看吗? 难道阴魂还能起来称赞你吗? (细拉)
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ قەبرىدە بايان قىلىنارمۇ؟ ھالاكەت دىيارىدا سادىقلىق-ھەقىقىتىڭ ماختىلارمۇ؟ 11
岂能在坟墓里述说你的慈爱吗? 岂能在灭亡中述说你的信实吗?
كارامەتلىرىڭ زۈلمەتتە تونۇلارمۇ؟ ھەققانىيلىقىڭ «ئۇنتۇلۇش زېمىنى»دە بىلىنەرمۇ؟ 12
你的奇事岂能在幽暗里被知道吗? 你的公义岂能在忘记之地被知道吗?
بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ. 13
耶和华啊,我呼求你; 我早晨的祷告要达到你面前。
ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟ 14
耶和华啊,你为何丢弃我? 为何掩面不顾我?
ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛ ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى. 15
我自幼受苦,几乎死亡; 我受你的惊恐,甚至慌张。
قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛ ۋەھىمىلىرىڭ مېنى نابۇت قىلدى. 16
你的烈怒漫过我身; 你的惊吓把我剪除。
ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى، تامامەن مېنى چۆمدۈردى. 17
这些终日如水环绕我, 一齐都来围困我。
جان دوستلىرىمنى، ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ، مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر! 18
你把我的良朋密友隔在远处, 使我所认识的人进入黑暗里。

< زەبۇر 88 >