داۋۇتنىڭ دۇئاسى: قۇلىقىڭنى مەن تەرەپكە تۇتقىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئېزىلگەن ۋە ھاجەتمەندۇرمەن. | 1 |
תפלה לדוד הטה יהוה אזנך ענני כי עני ואביון אני׃ |
جېنىمنى ساقلىغايسەن، چۈنكى مەن ساڭا مۆمىندۇرمەن؛ ئى سەن خۇدايىم، ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى قۇتقۇزغايسەن؛ | 2 |
שמרה נפשי כי חסיד אני הושע עבדך אתה אלהי הבוטח אליך׃ |
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب، چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن. | 3 |
חנני אדני כי אליך אקרא כל היום׃ |
قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن، چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ | 4 |
שמח נפש עבדך כי אליך אדני נפשי אשא׃ |
چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن! | 5 |
כי אתה אדני טוב וסלח ורב חסד לכל קראיך׃ |
مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛ | 6 |
האזינה יהוה תפלתי והקשיבה בקול תחנונותי׃ |
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن. | 7 |
ביום צרתי אקראך כי תענני׃ |
ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر. | 8 |
אין כמוך באלהים אדני ואין כמעשיך׃ |
سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ. | 9 |
כל גוים אשר עשית יבואו וישתחוו לפניך אדני ויכבדו לשמך׃ |
چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن، مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن خۇدادۇرسەن، يالغۇز سەنلا. | 10 |
כי גדול אתה ועשה נפלאות אתה אלהים לבדך׃ |
ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، ۋە سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرىمەن؛ نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن. | 11 |
הורני יהוה דרכך אהלך באמתך יחד לבבי ליראה שמך׃ |
يا رەببىم خۇدا، پۈتۈن قەلبىم بىلەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئەبەدىلئەبەد نامىڭنى ئۇلۇغلايمەن. | 12 |
אודך אדני אלהי בכל לבבי ואכבדה שמך לעולם׃ |
چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ زوردۇر، سەن تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن جېنىمنى قۇتقۇزىسەن؛ (Sheol h7585) | 13 |
כי חסדך גדול עלי והצלת נפשי משאול תחתיה׃ (Sheol h7585) |
ئى خۇدا، تەكەببۇرلار ماڭا قارشى كۆتۈرۈلدى، ئەشەددىيلەرنىڭ جامائىتى جېنىمنى ئىزدىمەكتە، ئۇلار سېنى نەزىرىگە ئالمەيدۇ! | 14 |
אלהים זדים קמו עלי ועדת עריצים בקשו נפשי ולא שמוך לנגדם׃ |
ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ. | 15 |
ואתה אדני אל רחום וחנון ארך אפים ורב חסד ואמת׃ |
مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭغا كۈچۈڭنى بەرگەيسەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن! | 16 |
פנה אלי וחנני תנה עזך לעבדך והושיעה לבן אמתך׃ |
ماڭا ئۆچمەنلەرنىڭ ئۇنى كۆرۈپ خىجىل بولۇشى ئۈچۈن، ئىلتىپاتىڭنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەتنى ماڭا كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم قىلدىڭ، ماڭا تەسەللى بېرىپ كەلگەنسەن. | 17 |
עשה עמי אות לטובה ויראו שנאי ויבשו כי אתה יהוה עזרתני ונחמתני׃ |