< زەبۇر 84 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار! | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup, «Gittif»ta qelinsun dǝp, Koraⱨning oƣulliri üqün yezilƣan küy: — Makanliring nǝⱪǝdǝr ǝzizdur, Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar!
جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتىدۇ، دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلىدۇ؛ | 2 |
Jenim Pǝrwǝrdigarning ⱨoyliliriƣa tǝxna bolup, Seƣinip ⱨǝtta ⱨalidin ketidu, Dilim wǝ ǝtlirim ⱨayat Tǝngrigǝ tǝlmürüp nida ⱪilidu;
مانا، ھەتتا مۇبارەك قۇچقاچمۇ بىر ماكاننى تاپقان، قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، ــ يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم! | 3 |
Mana, ⱨǝtta mubarǝk ⱪuqⱪaqmu bir makanni tapⱪan, Ⱪarliƣaqmu ɵzigǝ ⱨǝm bala tuƣidiƣan uwa yasaydiƣan jayni tapⱪan, — Yǝni Sening ⱪurbangaⱨliringdin, I samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar, — Mening Padixaⱨim, mening Hudayim!
سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ. | 4 |
Sening ɵyüngdǝ turuwatⱪanlar bǝhtliktur! Ular üzlüksiz Seni mǝdⱨiyilǝydu. (Selaⱨ)
كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛ | 5 |
Küq-ⱪudriti Sǝndin bolƣan kixi bǝhtliktur — Ⱪǝlbidǝ kɵtürülmǝ yollar bolƣanlar;
يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛ بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ. | 6 |
Yiƣa wadisidin ɵtkǝndǝ, Ular uni bulaⱪliⱪⱪa aylandurar; Bǝrⱨǝⱪ, küz yamƣurliri uni bǝrikǝtlǝrgǝ tolduridu.
ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرىدۇ؛ ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولىدۇ. | 7 |
Ular küqigǝ-küq ulap mengiweridu; Ⱨǝrbiri Zionƣa yetip kelip, Hudaning ⱨuzurida ⱨazir bolidu.
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن! سېلاھ. | 8 |
I samawiy ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar, duayimni angliƣaysǝn; I Yaⱪupning Hudasi, ⱪulaⱪ salƣaysǝn! (Selaⱨ)
قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن! | 9 |
Ⱪara, i ⱪalⱪinimiz bolƣan Huda, Ɵzüng mǝsiⱨ ⱪilƣiningning yüzigǝ iltipat bilǝn ⱪariƣin!
چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر. | 10 |
Qünki Sening ⱨoyliliringda ɵtkǝn bir kün Baxⱪa yǝrdǝ ɵtkǝn ming kündin ǝladur; Rǝzillǝrning qedirliridǝ yaxiƣandin kɵrǝ, Hudayimning ɵyining bosuƣisida turƣinim yahxidur.
پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر، پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت بەخش ئېتىدۇ؛ دۇرۇس ماڭغانلاردىن ئۇ ھەرقانداق ئىلتىپاتنى ھېچ ئايىمايدۇ؛ | 11 |
Pǝrwǝrdigar Huda ⱪuyax wǝ ⱪalⱪandur, Pǝrwǝrdigar xapaǝt wǝ xan-xɵⱨrǝt bǝhx etidu; Durus mangƣanlardin U ⱨǝrⱪandaⱪ iltipatni ⱨeq ayimaydu;
ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغان ئىنسان! | 12 |
Samawiy ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar, Bǝhtliktur Sanga tayanƣan insan!