< زەبۇر 83 >
ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم! | 1 |
Pieśń i psalm Asafa. Boże, nie milcz; nie bądź głuchy i bezczynny, Boże!
چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا، ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە. | 2 |
Bo oto burzą się twoi wrogowie, a ci, którzy cię nienawidzą, podnoszą głowę.
ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سېنىڭ خەلقىڭگە سۇيىقەست قىلىدۇ، سېنىڭ ھىمايە قىلىپ قەدىرلىگەنلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. | 3 |
Przeciwko twemu ludowi knują spisek i naradzali się przeciw tym, których ochraniasz;
ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، ئۇلارنى مىللەت قاتارىدىن يوق قىلايلى! ئىسرائىلنىڭ نامى ئىككىنچى تىلغا ئېلىنمىسۇن!» ــ دېمەكتە. | 4 |
Mówiąc: Chodźcie, wytępmy ich, niech nie będą narodem, żeby więcej nie wspominano imienia Izraela.
ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. | 5 |
Zmówili się bowiem jednomyślnie, przeciwko tobie zawarli przymierze:
مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى، موئاب ھەم ھاگرىيلار؛ | 6 |
Namioty Edomitów i Izmaelitów, Moab i Hagaryci;
گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛ فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى، | 7 |
Gebal, Ammon i Amalek; Filistyni z mieszkańcami Tyru.
ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن. سېلاھ. | 8 |
Także Assur przyłączył się do nich, wsparł [swym] ramieniem synów Lota. (Sela)
سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ | 9 |
Uczyń im [tak], jak Midianitom, jak Syserze, jak Jabinowi nad potokiem Kiszon;
بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. | 10 |
Którzy zostali wytępieni w Endor, stali się jak gnój dla ziemi.
ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛ | 11 |
Z ich dostojnikami postąp jak z Orebem i Zeebem, jak z Zebachem i Salmunną, ze wszystkimi ich książętami;
چۈنكى ئۇلار: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان. | 12 |
[Którzy] mówili: Weźmy w posiadanie przybytki Boże.
ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن. | 13 |
Mój Boże, uczyń ich jak koło i jak źdźbło na wietrze.
ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، | 14 |
Jak ogień, który pali las, i jak płomień, [który] wypala góry;
سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن، قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛ | 15 |
Tak ty ich ścigaj swoją nawałnicą i swoją burzą zatrwóż ich.
ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم-ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! | 16 |
Okryj ich twarze hańbą, aby szukali twego imienia, PANIE!
ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولسۇن، جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلسۇن. | 17 |
Niech się zawstydzą i zatrwożą na wieki, niech się okryją hańbą i zginą.
ئۇلار بىلسۇنكى، نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن. | 18 |
Niech poznają, że jedynie ty, którego imię jest PAN, ty jesteś Najwyższy ponad całą ziemią.