< زەبۇر 82 >
ئاساف يازغان كۈي: ــ خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇ ئىلاھلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ | 1 |
A psalm of Asaph. God has taken his stand in the divine assembly: in the midst of the gods he holds judgment.
ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ. | 2 |
“How long will you crookedly judge, and favor the wicked? (Selah)
گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ | 3 |
Do right by the weak and the orphan, acquit the innocent poor.
مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار! | 4 |
Rescue the weak and the needy, save them from the hand of the wicked.
ئۇلار بۇلارنى بىلمەي ۋە چۈشەنمەي زۇلمەتتە كېزىپ يۈرمەكتە، شۇڭا يەرنىڭ ئۇللىرى تەۋرەنمەكتە. | 5 |
“They have neither knowledge nor insight, in darkness they walk to and fro, while the earth’s foundations totter.
مەن ئېيتتىم: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر، ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛ | 6 |
It was I who appointed you gods, children of the Most High all of you.
شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر». | 7 |
Yet like mortals you will surely die, you will fall like any prince.”
ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن! چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن! | 8 |
Arise, O God, judge the earth, for all nations are yours by inheritance.