< زەبۇر 81 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي: ــ كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار، ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار! | 1 |
詠【慶節的歌詠】阿撒夫的詩歌,交與樂官。調寄「加特」。 請眾向助佑我們的天主歌舞,向雅各伯的天主歡呼。
ناخشىنى ياڭرىتىپ، داپنى ئېلىپ، يېقىملىق چىلتار ھەم راۋابنى چېلىڭلار! | 2 |
請眾高唱新歌,手擊鐃鼓,和彈琴瑟,奏悅耳的樂譜。
يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بايرام-ھېيت كۈنىمىزدە ناغرا-سۇناي چېلىڭلار! | 3 |
在月朔之日和月圓之夜,在我們的慶節,吹起號角,
چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر. | 4 |
因為這是以色列的規定,是雅各伯的天主誡命,
ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا، (شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق) ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛ | 5 |
當他出擊埃及國時,給若瑟立了這法規。我聽到從未聽的諾言:
ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم، ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛ | 6 |
我救他的肩脫離重擔,又使他的手放下筐籃。
قىستاقچىلىقتا نىدا قىلدىڭ، مەن سېنى ئازاد قىلدىم؛ گۈلدۈرماما چىققان مەخپىي جايدىن ساڭا جاۋاب بەردىم؛ «مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم». سېلاھ. | 7 |
您在患難中呼喊,我救了你,從雷鳴雲彩中,我答應你;在默黎巴,我試探了你。
ــ «تىڭشا، خەلقىم، مەن سېنى گۇۋاھلار بىلەن ئاگاھلاندۇرمەن؛ ئى ئىسرائىل، ماڭا قۇلاق سالساڭ ئىدى! | 8 |
請聽,我的百姓,我要警告你!以色列!恨不得你能聽從我:
ئاراڭدا يات ئىلاھ بولمىسۇن، يات ئەلدىكى ئىلاھقا باش ئەگمىگىن! | 9 |
在您中間不應有別的神,千萬不可崇拜邦的神!
سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن. | 10 |
我是上主,我是你的天主,是我由埃及國將你領出,你張開口,我要使你滿足。
ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛ | 11 |
可惜我的百姓沒有您的呼聲,以色列人也沒有服從我的命令。
شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى. | 12 |
因此,我就任憑他們的心靈頑硬,讓他們隨的私意而行。
ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى! | 13 |
如果我的聽了我的命令,以色列人隨從我的道路而行,
ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تېزلا ئېگىلدۈرەر ئىدىم، قولۇمنى رەقىبلىرىگە بۇراپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم. | 14 |
立刻就會壓迫他們的敵人,轉過手打擊難為他們的仇人。
پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛ | 15 |
仇恨上主的人必來向他們歸順,仇人的厄運從此要永久常存。
ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم، بەرھەق، قورام تاشتىن ھەسەل ئاققۇزۇپ سېنى قاندۇرار ئىدىم». | 16 |
但我要以麥子的精華養育選民,以石中的蜂蜜飽享他們。