< زەبۇر 80 >
«نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن! | 1 |
To the chief Musician upon Shoshannim Eduth, A Psalm of Asaph. Give ear, O Shepherd of Israel, thou that leadest Joseph like a flock; thou that dwellest [between] the cherubim, shine forth.
ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن! | 2 |
Before Ephraim and Benjamin and Manasseh stir up thy strength, and come [and] save us.
ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! | 3 |
Turn us again, O God, and cause thy face to shine; and we shall be saved.
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟ | 4 |
O LORD God of hosts, how long wilt thou be angry against the prayer of thy people?
سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ، كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ. | 5 |
Thou feedest them with the bread of tears; and givest them tears to drink in great measure.
بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. | 6 |
Thou makest us a strife to our neighbors: and our enemies laugh among themselves.
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! | 7 |
Turn us again, O God of hosts, and cause thy face to shine; and we shall be saved.
سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛ يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ. | 8 |
Thou hast brought a vine out of Egypt: thou hast cast out the heathen, and planted it.
ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛ ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى. | 9 |
Thou preparedst [room] before it, and didst cause it to take deep root, and it filled the land.
ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛ غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛ | 10 |
The hills were covered with the shade of it, and its boughs [were like] the goodly cedars.
ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە، پىلەكلىرىنى [ئەفرات] دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇزارتتى. | 11 |
She sent out her boughs to the sea, and her branches to the river.
سەن نېمىشقا ئۇنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ، مېۋىسىنى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ ئېلىشىغا يول قويدۇڭ؟ | 12 |
Why hast thou [then] broke down her hedges, so that all they who pass by the way do pluck her?
مانا ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى يېرىۋاتىدۇ، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ. | 13 |
The boar from the wood doth waste it, and the wild beast of the field doth devour it.
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، يېنىمىزغا قايتقايسەن! ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن، كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن! | 14 |
Return, we beseech thee, O God of hosts: look down from heaven, and behold, and visit this vine;
يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن! | 15 |
And the vineyard which thy right hand planted, and the branch [that] thou madest strong for thyself.
مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، كېسىۋېتىلدى؛ يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛ | 16 |
[It is] burnt with fire, [it is] cut down: they perish at the rebuke of thy countenance.
قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛ | 17 |
Let thy hand be upon the man of thy right hand, upon the son of man [whom] thou madest strong for thyself.
شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز. | 18 |
So will we not go back from thee: revive us, and we will call upon thy name.
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! | 19 |
Turn us again, O LORD God of hosts, cause thy face to shine; and we shall be saved.