< زەبۇر 8 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup, «Gittif»ta orunlansun dǝp, Dawut yazƣan küy: — I, Ɵz ⱨǝywǝngni asmanlardinmu yuⱪiri tikligǝn Pǝrwǝrdigar Rǝbbimiz, Pütkül yǝr yüzidǝ naming xunqǝ xǝrǝpliktur!
ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن. | 2 |
Ɵz rǝⱪibliring tüpǝylidin, Düxmǝn wǝ ⱪisasqilarning aƣzini etixkǝ, Bowaⱪlar wǝ ǝmgüqilǝrning aƣzidin küq tiklidingsǝn.
مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا، | 3 |
Mǝn barmaⱪliringning yasiƣini bolƣan asmanliringƣa, Sǝn mǝzmut bekitkǝn ay-yultuzlarƣa ⱪariƣinimda,
سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ | 4 |
Sǝn insanni seƣinidikǝnsǝn, Əmdi adǝm degǝn nemǝ idi? Sǝn uning yeniƣa kelip yoⱪlaydikǝnsǝn, Insan balisi ⱪanqilik nemǝ idi?
چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. | 5 |
Qünki Sǝn uning ornini pǝrixtilǝrningkidin azƣinǝ tɵwǝn bekittingsǝn, Sǝn uningƣa xan-xǝrǝp wǝ xɵⱨrǝtlǝrni taj ⱪilip bǝrding.
ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، | 6 |
Uni ⱪolungning yasiƣanlirini idarǝ ⱪilixⱪa tikliding; Sǝn barliⱪ nǝrsilǝrni uning puti astiƣa ⱪoyƣansǝn,
جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار، | 7 |
Jümlidin barliⱪ ⱪoy-kalilar, Daladiki barliⱪ janiwarlar,
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار، دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ. | 8 |
Asmandiki uqar-ⱪanatlar, Dengizdiki beliⱪlar, Dengizlarning yolliridin ɵtküqilǝrning barliⱪini puti astiƣa ⱪoydung.
ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە! | 9 |
I Pǝrwǝrdigar Rǝbbimiz, pütkül yǝr yüzidǝ naming nemidegǝn xǝrǝplik-ⱨǝ!