< زەبۇر 79 >
ئاساف يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. | 1 |
Ein Psalm Asafs. / Elohim, es sind Heiden in dein Erbe gedrungen, / Die haben deinen heiligen Tempel entweiht, / In Trümmer verwandelt Jerusalem.
ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى. | 2 |
Sie haben deiner Knechte Leichen / Des Himmels Vögeln zum Fraß gegeben. / Deiner Frommen Fleisch des Landes Getier.
ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى، جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى. | 3 |
Sie haben ihr Blut vergossen wie Wasser / Rings um Jerusalem her, und niemand begrub (die Toten).
قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق. | 4 |
Wir sind unsern Nachbarn zur Schmach geworden, / Ein Spott und Gelächter für unsre Umgebung.
قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟ سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ | 5 |
Wie lange, Jahwe, wirst du noch zürnen, / Wird dein Eifer wie Feuer brennen?
قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە، نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! | 6 |
Gieß deine Zornglut über die Heiden, die dich nicht erkannt, / Über die Reiche, die deinen Namen nicht angerufen.
چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ، ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. | 7 |
Denn sie haben Jakob verzehrt / Und seinen Wohnsitz verwüstet.
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. | 8 |
Rechne uns nicht der Vorfahren Sünden zu! / Eilends komm uns dein Erbarmen entgegen! / Denn wir sind sehr gebeugt.
ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى، نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛ | 9 |
Hilf uns, Gott, du Quell unsers Heils. / Um deines Namens Ehre willen! / Rett uns, bedeck unsre Missetaten / Um deines Namens willen!
ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟ قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن. | 10 |
Warum sollen die Heiden sagen: / "Wo ist nun ihr Gott?" / Kund werde an den Heiden vor unsern Augen / Die Rache für deiner Knechte Blut, das sie vergossen!
ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛ بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن. | 11 |
Der Gefangenen Seufzen komme vor dich! / Mit deinem starken Arm / Erhalte die Kinder des Todes am Leben!
ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛ | 12 |
Und vergilt unsern Nachbarn siebenfach in ihren Busen / Ihr Schmähn, womit sie dich, Adonái, geschmäht!
شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر، ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز. | 13 |
Wir aber, dein Volk, deiner Weide Schafe, / Wir wollen dir ewig danken, / Von Geschlecht zu Geschlecht deinen Ruhm verkünden.