< زەبۇر 77 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ ماڭا قۇلاق سالىدۇ. | 1 |
(아삽의 시. 영장으로 여두둔의 법칙에 의지하여 한 노래) 내가 내 음성으로 하나님께 부르짖으리니 하나님께 내 음성으로 부르짖으면 내게 귀를 기울이시리로다
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى [دۇئاغا] كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى. | 2 |
나의 환난날에 내가 주를 찾았으며 밤에는 내 손을 들고 거두지 아니하였으며 내 영혼이 위로 받기를 거절하였도다
مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ. | 3 |
내가 하나님을 생각하고 불안하여 근심하니 내 심령이 상하도다 (셀라)
سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭقۇر غەشلىك ئىلكىدە بولغانلىقىمدىن سۆزلىيەلمەيتتىم. | 4 |
주께서 나로 눈을 붙이지 못하게 하시니 내가 괴로워 말할 수 없나이다
مەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، قەدىمكى يىللارنى خىيال قىلىمەن؛ | 5 |
내가 옛날 곧 이전 해를 생각하였사오며
كېچىلەردە ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەيمەن؛ كۆڭلۈمدە چوڭقۇر خىيال سۈرىمەن» ــ [دېدىم]؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛ | 6 |
밤에 한 나의 노래를 기억하여 마음에 묵상하며 심령이 궁구하기를
ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟ | 7 |
주께서 영원히 버리실까, 다시는 은혜를 베풀지 아니하실까
ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟ | 8 |
그 인자하심이 길이 다하였는가, 그 허락을 영구히 폐하셨는가
تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ. | 9 |
하나님이 은혜 베푸심을 잊으셨는가, 노하심으로 그 긍휼을 막으셨는가 하였나이다(셀라)
ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: ــ «بۇنداق دېسەم بولمايدۇ، بۇ [ئېتىقادىمنىڭ] ئاجىزلىقى ئەمەسمۇ! ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يىللىرىنى، يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن. | 10 |
또 내가 말하기를 이는 나의 연약함이라 지존자의 오른손의 해
곧 여호와의 옛적 기사를 기억하여 그 행하신 일을 진술하리이다
سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛ | 12 |
또 주의 모든 일을 묵상하며 주의 행사를 깊이 생각하리이다
ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟ | 13 |
하나님이여, 주의 도는 극히 거룩하시오니 하나님과 같이 큰 신이 누구오니이까
مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ. | 14 |
주는 기사를 행하신 하나님이시라 민족들 중에 주의 능력을 알으시고
ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ سېلاھ. | 15 |
주의 팔로 주의 백성 곧 야곱과 요셉의 자손을 구속하셨나이다 (셀라)
سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى. | 16 |
하나님이여, 물들이 주를 보았나이다 물들이 주를 보고 두려워하며 깊음도 진동하였고
قارا بۇلۇتلار سۇلارنى تۆكۈۋەتتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى. | 17 |
구름이 물을 쏟고 궁창이 소리를 발하며 주의 살도 날아 나갔나이다
گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر يۈزى ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى. | 18 |
회리바람 중에 주의 우뢰의 소리가 있으며 번개가 세계를 비취며 땅이 흔들리고 움직였나이다
سېنىڭ يولۇڭ ئوكيان-دېڭىزلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولمايدۇ. | 19 |
주의 길이 바다에 있었고 주의 첩경이 큰 물에 있었으나 주의 종적을 알 수 없었나이다
سەن قوي پادىسىنى باققاندەك، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قولى بىلەن ئۆز خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ». | 20 |
주의 백성을 무리양 같이 모세와 아론의 손으로 인도하셨나이다