< زەبۇر 77 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ ماڭا قۇلاق سالىدۇ. 1
For the chief musician; after the manner of Jeduthun. A psalm of Asaph. I will call out with my voice to God; I will call with my voice to God, and my God will hear me.
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى [دۇئاغا] كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى. 2
In the day of my trouble I sought the Lord; at night I stretched my hands out, and they would not become tired. My soul refused to be comforted.
مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ. 3
I thought of God as I groaned; I thought about him as I grew faint. (Selah)
سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭقۇر غەشلىك ئىلكىدە بولغانلىقىمدىن سۆزلىيەلمەيتتىم. 4
You held my eyes open; I was too troubled to speak.
مەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، قەدىمكى يىللارنى خىيال قىلىمەن؛ 5
I thought about the days of old, about times long past.
كېچىلەردە ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەيمەن؛ كۆڭلۈمدە چوڭقۇر خىيال سۈرىمەن» ــ [دېدىم]؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛ 6
During the night I called to mind the song I once sang. I thought carefully and tried to understand what had happened.
ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟ 7
Will the Lord reject me forever? Will he never again show me favor?
ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟ 8
Was his covenant faithfulness gone forever? Had his promise failed forever?
تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ. 9
Had God forgotten to be gracious? Had his anger shut off his compassion? (Selah)
ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: ــ «بۇنداق دېسەم بولمايدۇ، بۇ [ئېتىقادىمنىڭ] ئاجىزلىقى ئەمەسمۇ! ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ يىللىرىنى، يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن. 10
I said, “This is my sorrow: the changing of the right hand of the Most High toward us.”
11
But I will call to mind your deeds, Yahweh; I will think about your wonderful deeds of old.
سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛ 12
I will ponder all your deeds and will reflect on them.
ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟ 13
Your way, God, is holy; what god compares to our great God?
مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ. 14
You are the God who does wonders; you have revealed your strength among the peoples.
ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ سېلاھ. 15
You gave your people victory by your great power— the descendants of Jacob and Joseph. (Selah)
سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى. 16
The waters saw you, God; the waters saw you, and they were afraid; the depths trembled.
قارا بۇلۇتلار سۇلارنى تۆكۈۋەتتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى. 17
The clouds poured down water; the cloudy skies gave voice; your arrows flew about.
گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر يۈزى ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى. 18
Your thunderous voice was heard in the wind; the lightning lit up the world; the earth trembled and shook.
سېنىڭ يولۇڭ ئوكيان-دېڭىزلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولمايدۇ. 19
Your path went through the sea and your way through the surging waters, but your footprints were not seen.
سەن قوي پادىسىنى باققاندەك، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ قولى بىلەن ئۆز خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ». 20
You led your people like a flock by the hand of Moses and Aaron.

< زەبۇر 77 >