< زەبۇر 76 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر. | 1 |
Al maestro del coro. Su strumenti a corda con cetre. Salmo. Di Asaf. Canto. Dio è conosciuto in Giuda, in Israele è grande il suo nome.
ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا، زىئون تېغىدا ئۇنىڭ ماكانى بار. | 2 |
E' in Gerusalemme la sua dimora, la sua abitazione, in Sion.
ئۇ يەردە ئۇ ئوتلۇق ئوقلارنى، قالقان، قىلىچ ھەم جەڭ قوراللىرىنى چېقىپ تاشلىدى. سېلاھ. | 3 |
Qui spezzò le saette dell'arco, lo scudo, la spada, la guerra.
ئۆزۈڭ ئوۋ-ئولجا تاغلىرىدىن نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر ئەلاسەن! | 4 |
Splendido tu sei, o Potente, sui monti della preda;
باتۇرلار بۇلاندى؛ ئۇلار ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتتى؛ پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى. | 5 |
furono spogliati i valorosi, furono colti dal sonno, nessun prode ritrovava la sua mano.
سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى. | 6 |
Dio di Giacobbe, alla tua minaccia, si arrestarono carri e cavalli.
سەندىن، سەندىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ غەزەپلەنگىنىڭدە كىم ئالدىڭدا تۇرالىسۇن؟ | 7 |
Tu sei terribile; chi ti resiste quando si scatena la tua ira?
يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەن خۇدا سوراق قىلىشقا ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا، ئاسماندىن ھۆكۈمنى چىقىرىپ ئاڭلاتقۇزدۇڭ؛ يەر بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈپ، سۈكۈت قىلدى. سېلاھ. | 8 |
Dal cielo fai udire la sentenza: sbigottita la terra tace
quando Dio si alza per giudicare, per salvare tutti gli umili della terra.
چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ. | 10 |
L'uomo colpito dal tuo furore ti dà gloria, gli scampati dall'ira ti fanno festa.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتىكىلەر قورقۇشى كېرەك بولغۇچىغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن؛ | 11 |
Fate voti al Signore vostro Dio e adempiteli, quanti lo circondano portino doni al Terribile,
ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرىدۇ؛ ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىكتۇر. | 12 |
a lui che toglie il respiro ai potenti; è terribile per i re della terra.