نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ. | 1 |
למנצח אל-תשחת מזמור לאסף שיר ב הודינו לך אלהים--הודינו וקרוב שמך ספרו נפלאותיך |
[مەنكى پەرۋەردىگار]: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا، ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛ | 2 |
כי אקח מועד אני מישרים אשפט |
يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى. سېلاھ. | 3 |
נמגים ארץ וכל-ישביה אנכי תכנתי עמודיה סלה |
ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»، ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ | 4 |
אמרתי להוללים אל-תהלו ולרשעים אל-תרימו קרן |
«مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!» | 5 |
אל-תרימו למרום קרנכם תדברו בצואר עתק |
چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ | 6 |
כי לא ממוצא וממערב ולא ממדבר הרים |
چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ. | 7 |
כי-אלהים שפט זה ישפיל וזה ירים |
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛ | 8 |
כי כוס ביד-יהוה ויין חמר מלא מסך-- ויגר מזה אך-שמריה ימצו ישתו כל רשעי-ארץ |
مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. | 9 |
ואני אגיד לעלם אזמרה לאלהי יעקב |
«مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!». | 10 |
וכל-קרני רשעים אגדע תרוממנה קרנות צדיק |