< زەبۇر 74 >
ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟ | 1 |
Псалом навча́льний, Аса́фів.
ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى، يەنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قەدىمدە ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان قەبىلىنى، ئۆزۈڭ ماكان قىلغان زىئون تېغىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن! | 2 |
Спогадай про громаду Свою, яку Ти відда́вна набув, про племе́но спа́дку Свого, що його Ти був ви́купив, про ту го́ру Сіон, що на ній осели́вся, —
قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن، دۈشمەنلەر مۇقەددەس جايىڭدا گۇمران قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە [قارىغايسەن]؛ | 3 |
підійми ж Свої сто́пи до вічних руї́н, бо во́рог усе зруйнував у святині!
رەقىبلىرىڭ جامائەتگاھىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆر-پۆر قىلىدۇ؛ مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى. | 4 |
Ревіли Твої вороги́ у святині Твоїй, умісти́ли знаки́ за озна́ки свої, —
ھەربىرى ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ، پالتا ئوينىتىپ ئورمان كەسكۈچىدەك، | 5 |
виглядало то так, якби хто догори́ підійма́в був соки́ри в гуща́вині де́рева.
ئۇلار ھازىر [مۇقەددەس جايىڭدىكى] نەقىشلەرنى ئالا قويماي، پالتا-بولقىلار بىلەن چېقىۋەتتى؛ | 6 |
А тепер її рі́зьби ура́з розбивають вони молотко́м та соки́рами,
ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛ ئۆز نامىڭدىكى ماكاننى بۇلغاپ، يەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى. | 7 |
Святиню Твою на огонь віддали́, осе́лю Твого Йме́ння аж доще́нту збезче́стили.
ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. | 8 |
Сказали вони в своїм серці: „Зруйнуймо їх ра́зом!“і спали́ли в краю́ всі місця Божих зборів...
بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛ پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛ ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر. | 9 |
Наших озна́к ми не бачимо, нема вже пророка, і між нами немає такого, хто знає, аж доки це буде ...
قاچانغىچە، ئى خۇدا، رەقىبىڭ سېنى مەسخىرە قىلىدۇ؟ دۈشمەن نامىڭنى مەڭگۈگە ھاقارەتلەمدۇ؟ | 10 |
Аж доки, о Боже, гноби́тель знуща́тися буде, зневажа́тиме ворог навіки Ім'я́ Твоє?
سەن قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى نېمىشقا تارتىۋالىسەن؟ قولۇڭنى قوينۇڭدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يوقاتقايسەن! | 11 |
Для чого притри́муєш руку Свою та прави́цю Свою? З сере́дини ло́ня Свого їх пони́щ!
بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر. | 12 |
А Ти, Боже, відда́вна мій Цар, Ти чиниш спасі́ння посе́ред землі!
سەن دېڭىز سۈيىنى كۈچۈڭ بىلەن بۆلدۇڭ، سۇلاردىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى ياردىڭ. | 13 |
Розділив Ти був море Своєю поту́гою, побив го́лови змі́ям на во́дах,
دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ. | 14 |
Ти левіята́нові го́лову був поторо́щив, його Ти віддав був на їжу наро́дові пустині,
يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ. | 15 |
Ти був розділи́в джерело́ та поті́к, Ти ви́сушив рі́ки великі!
كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛ ئاي بىلەن قۇياشنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ. | 16 |
Твій день, а також Твоя ніч, приготовив Ти світло та сонце,
يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛ ياز بىلەن قىشنى ــ سەن شەكىللەندۈردۈڭ. | 17 |
всі грани́ці землі Ти поставив, Ти літо та зи́му створи́в!
شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى، ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى. | 18 |
Пам'ятай же про це: во́рог знуща́ється з Господа, а наро́д нерозумний знева́жує Йме́ння Твоє!“
پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن. | 19 |
Не віддай звірині́ душі Своєї го́рлиці, живої Твоїх бідарі́в не забудь же наза́вжди!
ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن، چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى. | 20 |
Споглянь же на Свій заповіт, бо темно́ти землі повні ме́шкань насилля!
ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛ ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي. | 21 |
Нехай не відхо́дить пригно́блений посоро́мленим, бідний та вбогий нехай прославля́ють Іме́ння Твоє!
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا، ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛ ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. | 22 |
Встань же, о Боже, суди́ся за справу Свою, пам'ятай про щоде́нну нару́гу Свою від безумного!
دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛ ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە. | 23 |
Не забудь же про ве́реск Своїх ворогів, про га́лас бунтівникі́в проти Тебе, що за́вжди зростає!