< زەبۇر 73 >
ئاساف يازغان كۈي: ــ دەرۋەقە خۇدا ئىسرائىلغا، قەلبى ساپ بولغانلارغا مېھرىباندۇر؛ | 1 |
阿撒夫的詩歌。
لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛ ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛ | 2 |
天主待正直的人多麼美善,上主對心裏潔淨的人亦然!
چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛ | 3 |
我的腳幾乎要跌跤,我的腳險些要滑倒,
چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ. | 4 |
因我看見惡人安寧幸福,就對驕橫的人心生嫉妒。
ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ. | 5 |
原來他們總沒有受過重創,所以他們的身體健康肥胖;
شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ. | 6 |
他們沒有別人所受的憂傷,也沒有常人所遭遇的災殃。
ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. | 7 |
故此,驕傲纏繞他們相似項鍊,殘暴遮蔽他們有如衣衫。
باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ. | 8 |
他們的邪惡,出自肥胖的心田,讓他們自己的惡念,肆意氾濫。
ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ. | 9 |
他們譏諷嘲弄,言惡語狂,他們欺壓恐嚇蠻橫倔強;
شۇڭا [خۇدانىڭ] خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ | 10 |
用自己的口褻瀆上天,以自己的舌詆毀塵寰。
«تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ. | 11 |
因此我的百姓向他們依歸,滿口啜飲由他們供給的水,
مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ. | 12 |
且說:天主豈能知悉,難道至高者能理會?
«ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛ | 13 |
看,這些人為非作歹,常享平安,積存錢財,
بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە [ۋىجداننىڭ] ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!». | 14 |
的確,我白白清心寡欲,我徒然洗手表白無辜。
بىراق مەن: ــ «بۇنداق [دېسەم]، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم. | 15 |
我時時遭受鞭擊,也天天遇到責斥。
ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى. | 16 |
我若想:我說話若與他們相同,就等於放棄與您子民為同宗。
تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا [يامانلارنىڭ] ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم. | 17 |
我愈設法了解這事,我愈覺得神妙莫測。
دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن. | 18 |
直到我接近天主的奧妙,直到我注意他們的結果。
ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ! | 19 |
您的確將他們置於坡路,讓他們滑倒於消滅之途。
سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن. | 20 |
他們瞬息之間變得如此悽涼,他們因受驚過度而從此滅亡。
يۈرەكلىرىم قايناپ، ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا، | 21 |
上主,世人睡醒,怎樣了解夢境;您醒時,也怎樣看他們的幻影。
ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت، ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم. | 22 |
幾時我的心靈遭受酸苦,刺痛也會進入我的肺腑。
ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛ | 23 |
原來是我愚昧毫無理性,在您面前竟燃好像畜牲。
ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن. | 24 |
但以後,我要常與您同處,您已經握住了我的右手。
ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن. | 25 |
您要以您的聖訓來領導我,最後引我進入您的榮耀。
ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر! | 26 |
在天上除您以外,為我還能有誰﹖在地上除您以外,為我一無所喜。
چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ؛ ۋاپاسىزلىق قىلغان پاھىشە ئايالدەك سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرىنى يوقىتىسەن. | 27 |
我的肉身和我的心靈,雖以憔瘁;天主卻永是我心的福分和磐石。
بىراق مەن ئۈچۈن، خۇداغا يېقىنلىشىش ئەۋزەلدۇر! ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن، رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم. | 28 |
看,遠離您的人必將趨於沉淪。您必消滅一切背棄您的人民。 親近天主對我是多麼的美好:只有上主天主是我的避難所。我要在熙雍女子門前,把您一切的工程宣傳。