< زەبۇر 72 >
سۇلايمان ئۈچۈن: ــ ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن. | 1 |
(Af Salomo.) Gud, giv Kongen din ret, Kongesønnen din retfærd,
شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن، ساڭا تەۋە ئېزىلگەن مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ | 2 |
så han dømmer dit Folk med Retfærdighed og dine arme med Ret!
تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ. | 3 |
Da bærer Bjerge og Høje Fred for Folket i Retfærd.
پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ. | 4 |
De arme blandt Folket skaffer han Ret, han bringer de fattige Frelse, og han slår Voldsmanden ned.
شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ. | 5 |
Han skal leve, så længe Solen lyser og Månen skinner, fra Slægt til Slægt.
ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ. | 6 |
Han kommer som Regn på slagne Enge, som Regnskyl, der væder Jorden;
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ. | 7 |
i hans dage blomstrer Retfærd, og dyb Fred råder, til Månen forgår.
ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. | 8 |
Fra Hav til Hav skal han herske, fra Floden til Jordens Ender;
چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ. | 9 |
hans Avindsmænd bøjer knæ for ham, og hans Fjender slikker Støvet;
تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ، شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ. | 10 |
Konger fra Tarsis og fjerne Strande frembærer Gaver, Sabas og Sebas Konger kommer med Skat;
دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ | 11 |
alle Konger skal bøje sig for ham, alle Folkene være hans Tjenere.
چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى، پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛ | 12 |
Thi han skal redde den fattige, der skriger om Hjælp, den arme, der savner en Hjælper,
ئۇ يوقسۇل-ئاجىزلارغا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، يوقسۇللارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ | 13 |
ynkes over ringe og fattig og frelse fattiges Sjæle;
ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم-زومىگەرلىكتىن ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر. | 14 |
han skal fri deres Sjæle fra Uret og vold, deres Blod er dyrt i hans Øjne.
[پادىشاھ] ياشىسۇن! شېبانىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئۇنىڭغا سۇنۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا توختاۋسىز قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا كۈن بويى بەخت تىلىنىدۇ؛ | 15 |
Måtte han leve og Guld fra Saba gives ham! De skal bede for ham bestandig, velsigne ham Dagen igennem.
يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ، ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. [مىغ-مىغ] چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛ شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت-يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛ | 16 |
Korn skal der være i Overflod i Landet, på Bjergenes Top; som Libanon skal dets Afgrøde bølge og Folk spire frem af Byen som Jordens Urter.
ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ. | 17 |
Velsignet være hans Navn evindelig, hans Navn skal leve, mens Solen skinner. Ved ham skal man velsigne sig, alle Folk skal prise ham lykkelig!
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر! | 18 |
Lovet være Gud HERREN, Israels Gud som ene gør Undergerninger,
ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن! | 19 |
og lovet være hans herlige Navn evindelig; al Jorden skal fyldes af hans Herlighed. Amen, Amen!
يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. | 20 |
Her ender Davids, Isajs Søns, Bønner.