< زەبۇر 71 >
سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛ مېنى ھەرگىز يەرگە قاراتمىغايسەن. | 1 |
In thee, O LORD! do I put my trust! Let me never be put to shame!
ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن! | 2 |
In thy goodness deliver and rescue me; Incline thine ear to me, and save me!
ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛ سەن مېنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئېگىز تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن. | 3 |
Be thou the rock of my abode, where I may continually resort! Thou hast granted me deliverance; For thou art my rock and my fortress!
خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ھەققانىيەتسىز، رەھىمسىز ئادەمدىن ئازاد قىلغايسەن؛ | 4 |
Save me, O my God! from the hand of the wicked, -From the hand of the unjust and cruel!
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، ياشلىقىمدىن تارتىپلا مېنىڭ تايانچىمدۇرسەن؛ | 5 |
For thou art my hope, O Lord Jehovah! Thou hast been my trust from my youth!
بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر. | 6 |
Upon thee have I leaned from my birth; From my earliest breath thou hast been my support; My song hath been continually of thee!
مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن. | 7 |
I am a wonder to many, But thou art my strong refuge.
ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛ | 8 |
Let my mouth be filled with thy praise; Yea, all the day long, with thy glory.
ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن. | 9 |
Cast me not off in mine old age; Forsake me not, When my strength faileth!
چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛ جېنىمنى ئېلىشقا كۆزلەۋاتقانلار قەستلىشىپ: ــ | 10 |
For my enemies speak against me, And they who lay wait for my life consult together:
«خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىڭلار، چۈنكى قۇتۇلدۇرۇدىغانلار يوقتۇر» ــ دېيىشىدۇ. | 11 |
“God,” say they, “hath forsaken him; Pursue and seize him; for he hath none to deliver him!”
ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛ ئى خۇدايىم، ماڭا ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! | 12 |
O God! be not far from me! Come speedily to mine aid, O my God!
جېنىمغا كۈشەندە بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقىتىلىسۇن؛ زىيىنىمغا ئىنتىلگەنلەر رەسۋالىق ھەم شەرمەندىچىلىك بىلەن قاپلانسۇن؛ | 13 |
Let them perish with shame who are my enemies; Let them be covered with contempt and dishonor who seek my hurt!
بىراق مەن بولسام، ئىزچىل ئۈمىدتە بولىمەن، سېنى تېخىمۇ مەدھىيىلەيمەن. | 14 |
But I will hope continually; I shall yet praise thee more and more.
ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر. | 15 |
My mouth shall speak of thy goodness, —Of thy sure protection all the day long; For thy mercies are more than I can number.
مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن؛ سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى ياد ئېتىپ جاكارلايمەن ــ پەقەت سېنىڭكىنىلا! | 16 |
I will celebrate thy mighty deeds, O Lord Jehovah! I will make mention of thy goodness, of thine only!
ئى خۇدا، سەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ئۆگىتىپ كەلگەنسەن؛ بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىڭنى جاكارلاپ كېلىۋاتىمەن. | 17 |
O God! thou hast taught me from my youth, And thus far have I declared thy wondrous deeds;
ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا، مەن بۇ دەۋرگە [كۈچلۈك] بىلىكىڭنى [جاكارلىغۇچە]، كېلەر ئەۋلادنىڭ ھەممىسىگە قۇدرىتىڭنى ئايان قىلغۇچە، [مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن]! | 18 |
And now, when I am old and gray-headed, O God! forsake me not, Until I make known thine arm to the next generation, -Thy mighty power to all that are to come!
ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن! | 19 |
For thy goodness, O God! reacheth to the heavens; Wonderful things doest thou! O God! who is like unto thee?
سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن، مېنى قايتىدىن يېڭىلايسەن، يەر تەگلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىسەن؛ | 20 |
Thou hast suffered us to see great and grievous troubles; Thou wilt again give us life, And wilt bring us back from the depths of the earth!
سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن. | 21 |
Thou wilt increase my greatness; Thou wilt again comfort me!
مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى! | 22 |
Then will I praise thee with the psaltery; Even thy faithfulness, O my God! To thee will I sing with the harp, O Holy One of Israel!
ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛ | 23 |
My lips shall rejoice, when I sing to thee; And my soul, which thou hast redeemed from death;
تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنىدۇ. | 24 |
My tongue also shall continually speak of thy righteousness: For all who seek my hurt are brought to shame and confounded.