< زەبۇر 70 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن! پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! | 1 |
En Psalm Davids, till att föresjunga, till åminnelse. Skynda dig, Gud, till att frälsa mig; Herre, till att hjelpa mig.
مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. | 2 |
Skämme sig, och komme på skam, de som efter mine själ stå; vände tillrygga, och komme på skam, de mig ondt önska;
مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي! | 3 |
Att de måtte på skam komma igen, som öfver mig ropa: Så, så.
بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي. | 4 |
Fröjde, och glädje sig i dig, de som efter dig fråga; och de som dina salighet älska, säga alltid: Gud vare högeliga lofvad.
بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛ يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا! سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن! | 5 |
Men jag är eländig och fattig; Gud, var snar till mig; ty du äst min hjelpare och förlossare; min Herre, fördröj icke.