< زەبۇر 7 >
داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى: ــ كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى توغرۇلۇق ئېيتقان كۈيى: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، مەن ساڭا تاياندىم؛ ئۇلاردىن بىرى شىردەك مېنى تىتما-تىتما قىلىۋەتمىسۇن، قۇتقۇزغۇچى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ مېنى ئېزىۋەتمىسۇن، مېنى بارلىق قوغلىغۇچىلاردىن قۇتقۇزغىن، ئۇلاردىن خالاس قىلغىن؛ | 1 |
Méditation de David, qu'il chanta à Yahvé, sur les paroles de Cush, le Benjamite. Yahvé, mon Dieu, je me réfugie en toi. Sauve-moi de tous ceux qui me poursuivent, et délivre-moi,
de peur qu'ils ne déchirent mon âme comme un lion, le déchirant en morceaux, alors qu'il n'y a personne pour le délivrer.
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر قولۇمدا قەبىھلىك قىلغان بولسام، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام: ــ | 3 |
Yahvé, mon Dieu, si j'ai fait cela, s'il y a de l'iniquité dans mes mains,
ئەگەر مەن بىلەن ئىناق ئۆتكۈچىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام، ــ (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ | 4 |
si j'ai récompensé le mal à celui qui était en paix avec moi (oui, j'ai délivré celui qui, sans raison, était mon adversaire),
ــ ئۇنداقتا، دۈشمەن مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن، ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، شۆھرىتىمنى تۇپراققا كۆمسۇن! | 5 |
que l'ennemi poursuive mon âme et l'atteigne; oui, qu'il foule ma vie jusqu'à la terre, et déposer ma gloire dans la poussière. (Selah)
ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مېنى ئەزگەنلەرنىڭ قەھرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قەددىڭنى رۇسلىغىن، ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئويغانغىن؛ سەن سوت ۋە ھۆكۈمنى بېكىتكەنىدىڭغۇ! | 6 |
Lève-toi, Yahvé, dans ta colère. Élève-toi contre la rage de mes adversaires. Réveillez-vous pour moi. Vous avez ordonné le jugement.
خەلقلەردىن بولغان جامائەت ئەتىراپىڭغا ئولىشىدۇ؛ سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن. | 7 |
Que la congrégation des peuples t'entoure. Dominez-les d'en haut.
پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ھەققانىيلىقىم بويىچە، ۋە ئۆزۈمدە بولغان دۇرۇسلىقىم بويىچە، ماڭا ھۆكۈم چىقارغايسەن. | 8 |
Yahvé administre le jugement aux peuples. Juge-moi, Yahvé, selon ma justice, et à l'intégrité qui est en moi.
ئاھ، رەزىللەرنىڭ يامانلىقى ئاخىرلاشسۇن! ھەققانىي ئادەمنى چىڭ تۇرغۇزغايسەن؛ ئى، ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى ھەققانىي خۇدا! | 9 |
Oh, que la méchanceté des méchants prenne fin, mais établit les justes; leur esprit et leur cœur sont sondés par le Dieu juste.
مېنىڭ قالقىنىم بولسا، دۇرۇس نىيەتلىكلەرنى قۇتقۇزغۇچى خۇدادىدۇر؛ | 10 |
Mon bouclier est en Dieu, qui sauve les cœurs droits.
خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛ | 11 |
Dieu est un juge juste, oui, un Dieu qui s'indigne chaque jour.
بىرسى [يامان] يولىدىن يانمىسا، ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ، يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ. | 12 |
Si un homme ne se repent pas, il aiguisera son épée; il a bandé et tendu son arc.
شۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلىدى؛ ئۇ ئوقلىرىنى كۆيدۈرگۈچى ئوق قىلدى. | 13 |
Il s'est aussi préparé les instruments de la mort. Il prépare ses flèches enflammées.
مانا، مۇشۇنداق كىشىلەر تولغاقتا قەبىھلىك تۇغماقچى، ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يامانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ تۇغقىنى بولسا ساختىلىقتۇر. | 14 |
Voici, il est en proie à l'iniquité. Oui, il a conçu des méfaits, et fait ressortir le mensonge.
ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا يىقىلىپ چۈشتى. | 15 |
Il a creusé un trou, et est tombé dans la fosse qu'il a creusée.
ئۆزىنىڭ يامانلىقى بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۆز زوراۋانلىقى بولسا ئۆز ئۈستىگە قايتىپ چۈشىدۇ. | 16 |
Le trouble qu'il provoque retombe sur sa tête. Sa violence s'abattra sur la couronne de sa propre tête.
مەن پەرۋەردىگارنى ھەققانىيلىقى بىلەن مەدھىيەلەيمەن، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ياڭرىتىپ، كۈي قىلىپ ئېيتىمەن. | 17 |
Je rendrai grâce à Yahvé selon sa justice, et chanteront des louanges au nom de Yahvé le Très-Haut.