< زەبۇر 69 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مېنى قۇتقۇزغايسەن، ئى خۇدا! سۇلار جېنىمدىن ئۆتتى؛ | 1 |
“For the leader of the music. Upon the Shoshannim. A psalm of David.” Save me, O God! For the waters press in to my very life!
تۇرغۇدەك جاي يوق چوڭقۇر پاتقاقلىققا چۆكۈپ كەتتىم؛ سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چۈشۈپ كەتتىم، كەلكۈن مېنى غەرق قىلدى. | 2 |
I sink in deep mire, where is no standing; I have come into deep waters, and the waves flow over me.
پەريادلىرىمدىن ھالىمدىن كەتتىم؛ گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى؛ خۇدايىمغا تەلمۈرۈپ، كۆزۈمدىن كېتەي دەپ قالدىم؛ | 3 |
I am weary with crying; my throat is parched; Mine eyes are wasted, while I wait for my God.
سەۋەبسىز ماڭا ئۆچ بولغانلار چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر؛ مېنى يوقاتماقچى بولغانلار، قارا چاپلاپ مەن بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلار كۈچلۈكتۇر؛ شۇ چاغدا ئۆزۈم بۇلىمىغان نەرسىنى قايتۇرىمەن. | 4 |
More numerous than the hairs of my head are they who hate me without reason; Mighty are they who seek to destroy me, being my enemies without cause: I must restore what I took not away.
ئى خۇدا، مېنىڭ نادانلىقىم ئۆزۈڭگە ئايان؛ مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەستۇر. | 5 |
O God! thou knowest my offences, And my sins are not hidden from thee!
مېنىڭ سەۋەبىمدىن، ئى رەب، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭگە ئۇمىد باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي؛ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنى ئىزدىگۈچىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي؛ | 6 |
Let not them that trust in thee through me be put to shame, O Lord Jehovah, God of hosts! Let not them that seek thee through me be confounded, O God of Israel!
چۈنكى سېنى دەپ مەن رەسۋاچىلىققا ئۇچرىدىم؛ شەرمەندىلىك يۈزۈمگە چاپلاندى. | 7 |
For on account of thee do I suffer reproach, And shame covereth my face!
مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا يات، ئانامنىڭ بالىلىرىغا ياقا يۇرتلۇق بولدۇم. | 8 |
I am become a stranger to my brothers; Yea, an alien to my mother's sons.
چۈنكى مېنى [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت چۇلغۇۋالغانىدى؛ ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى؛ | 9 |
For zeal for thy house consumeth me, And the reproaches of them that reproach thee fall upon me.
مەن يىغلىدىم، جېنىم روزا تۇتتى، بۇمۇ ماڭا ئەيىب دەپ قارالدى. | 10 |
When I weep and fast, That is made my reproach;
مەن بۆزنى كىيىمىم قىلىپ كىيسەم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالدىم. | 11 |
When I clothe myself in sackcloth, Then I become their by-word.
شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلارنىڭ تەنە گېپىگە قالدىم، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىنىڭ تېمىسى بولدۇم. | 12 |
They who sit in the gate speak against me, And I am become the song of drunkards.
بىراق مەن شەپقىتىڭنى كۆرسەتكەن ۋاقتىڭدا دۇئايىمنى ساڭا نىشانلىدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنىڭ زورلۇقىدىن، نىجاتلىق ئىشەنچىدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ | 13 |
Yet will I address my prayer to thee, O LORD! May it be in an acceptable time according to thy great goodness! Hear, O God! and afford me thy sure help!
مېنى پاتقاقلىقتىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، مېنى چۆكتۈرمىگەيسەن؛ ماڭا ئۆچمەن بولغانلاردىن، سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ | 14 |
Save me from the mire, and let me not sink; May I be delivered from my enemies, —from the deep waters!
كەلكۈن سۇلىرىغا مېنى غەرق قىلدۇرمىغايسەن؛ دېڭىز تەگلىرىگىمۇ مېنى يۇتقۇزمىغايسەن؛ [تېگى] يوق ھاڭنىڭ مېنى ھاپ ئېتىپ ئاغزىنى يۇمۇۋېلىشىغا يول قويمىغايسەن! | 15 |
Let not the water-flood overflow me; Let not the deep swallow me up, And let not the pit close her mouth upon me!
دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛ | 16 |
Hear me, O LORD! since great is thy loving-kindness; According to the abundance of thy tender mercies look upon me!
جامىلىڭنى قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغايسەن؛ چۈنكى بېشىمغا كۈن چۈشتى؛ تېزدىن ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. | 17 |
Hide not thy face from thy servant; I am greatly distressed, O make haste to mine aid!
جېنىمغا يېقىنلاشقايسەن، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى بولغايسەن؛ دۈشمەنلىرىم ئالدىدا مېنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن؛ | 18 |
Draw near to me, and redeem my life; Deliver me because of my enemies!
ئۆزۈڭ مېنىڭ رەسۋالىقتا ھەم ھۆرمەتسىزلىكتە قالغىنىمنى، قانداق ھاقارەتلەنگىنىمنى بىلىسەن؛ رەقىبلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭگە ئاياندۇر. | 19 |
Thou knowest my reproach, and dishonor, and shame; All my adversaries are in thy view!
ھاقارەت قەلبىمنى پارە قىلدى؛ مەن قايغۇغا چۆمۈپ كەتتىم؛ ئازغىنە ھېسداشلىققا تەلمۈرگەن بولساممۇ، يوق بولدى؛ تەسەللى بەرگۈچىلەرنىمۇ ئىزدىدىم، لېكىن بىرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم. | 20 |
Reproach hath broken my heart, and I am full of heaviness; I look for pity, but there is none; For comforters, but find none.
بەرھەق، ئۇلار ئوزۇقۇمغا ئۆت سۈيى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا سىركىنى بەردى. | 21 |
For my food they give me gall, And in my thirst they give me vinegar to drink.
ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق، ئۇلارنىڭ ھالاۋىتى قاپقان بولغاي. | 22 |
May their table be to them a snare; May it be a trap to them, while they are at ease!
كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەي؛ بەل-پۇتلىرىنى تىترەككە سالغايسەن؛ | 23 |
May their eyes be darkened, that they may not see; And cause their loins continually to shake!
قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن، غەزىپىڭنىڭ ئوتلىرى ئۇلارغا تۇتاشقاي؛ | 24 |
Pour out upon them thine indignation, And may the heat of thine anger overtake them!
ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالغاي؛ | 25 |
Let their habitation be desolate, And let none dwell in their tents!
چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛ سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا گەپ بىلەن ئازاب قوشماقتا. | 26 |
For they persecute those whom thou hast smitten, And talk of the pain of those whom thou hast wounded.
ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقايسەن، ھەققانىيلىقىڭنىڭ نېسىۋىسىگە ئۇلارنى ئېرىشتۈرمىگەيسەن. | 27 |
Add iniquity to their iniquity, And let them never come into thy favor!
ئۇلار ھاياتلىق دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈلگەي؛ ھەققانىيلارنىڭ قاتارىغا پۈتۈلمىگەي. | 28 |
Let them be blotted out of the book of the living; Let not their names be written with the righteous!
بىراق مەن بولسام بىر ئېزىلگەن دەردمەن؛ نىجاتلىقىڭ، ئى خۇدا، مېنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغاي؛ | 29 |
But I am poor, and sorrowful: May thine aid, O God! set me on high!
مەن مۇناجات ئوقۇپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن؛ تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ | 30 |
Then I will praise the name of God in a song; I will give glory to him with thanksgiving.
بۇ بولسا پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر؛ مۈڭگۈز-تۇياقلىرى ساق تورپاق بەرگەندىنمۇ ئارتۇقتۇر. | 31 |
More pleasing shall this be to the LORD Than a full-horned and full-hoofed bullock.
ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ خۇدانى ئىزدىگەنلەر ــ قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ. | 32 |
The afflicted shall see, and rejoice; The hearts of them that fear God shall be revived.
چۈنكى پەرۋەردىگار يوقسۇللارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ، ئۆزىگە تەۋە ئەسىر قىلىنغانلارنى ئۇ كەمسىتمەيدۇ؛ | 33 |
For the LORD heareth the poor, And despiseth not his people in their bonds.
ئاسمان-زېمىن ئۇنى مەدھىيىلىسۇن! دېڭىز-ئوكيانلار ھەم ئۇلاردا يۈرگۈچى بارلىق جانىۋارلار ئۇنى مەدھىيىلىگەي! | 34 |
Let the heaven and the earth praise him; The sea, and all that move therein!
چۈنكى خۇدا زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى قايتا بىنا قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەيدۇ. | 35 |
For God will save Zion, and will build the cities of Judah, That they may dwell therein, and possess it.
ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ئۇنىڭغا مىراس بولىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى سۆيگەنلەر ئۇ يەرلەردە ماكانلىشىدۇ. | 36 |
Yea, the posterity of his servants shall possess it, And they that love him shall dwell therein.