< زەبۇر 68 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا ئورنىدىن تۇردى، دۈشمەنلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ! ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچىدۇ! | 1 |
大卫的诗歌,交与伶长。 愿 神兴起,使他的仇敌四散, 叫那恨他的人从他面前逃跑。
ئىس-تۈتەك ئۇچۇرۇلغاندەك، ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ يوقىتىسەن، موم ئوتتا ئېرىتىلگەندەك، رەزىللەر خۇدانىڭ ئالدىدا ھالاك بولىدۇ. | 2 |
他们被驱逐,如烟被风吹散; 恶人见 神之面而消灭,如蜡被火熔化。
بىراق ھەققانىيلار خۇشاللىنىدۇ، ئۇلار خۇدا ئالدىدا روھلىنىپ، تەنتەنە قىلىپ شادلىنىدۇ. | 3 |
惟有义人必然欢喜, 在 神面前高兴快乐。
خۇداغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىڭلار؛ چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچىگە بىر يولنى كۆتۈرۈپ ياساڭلار؛ ئۇنىڭ نامى «ياھ»دۇر؛ ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار. | 4 |
你们当向 神唱诗,歌颂他的名; 为那坐车行过旷野的修平大路。 他的名是耶和华, 要在他面前欢乐!
يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر. | 5 |
神在他的圣所作孤儿的父, 作寡妇的伸冤者。
خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ. | 6 |
神叫孤独的有家, 使被囚的出来享福; 惟有悖逆的住在干燥之地。
ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، ــ (سېلاھ) ــ | 7 |
神啊,你曾在你百姓前头出来, 在旷野行走。 (细拉)
خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەر-جاھان تەۋرىنىپ، ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى. | 8 |
那时,地见 神的面而震动,天也落雨; 西奈山见以色列 神的面也震动。
سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ [بولغان زېمىن-خەلق] ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ. | 9 |
神啊,你降下大雨; 你产业以色列疲乏的时候,你使他坚固。
سېنىڭ باققان پاداڭ ئۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مۆمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىڭ، ئى خۇدا! | 10 |
你的会众住在其中; 神啊,你的恩惠是为困苦人预备的。
رەب ئەمر قىلدى؛ ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر! | 11 |
主发命令, 传好信息的妇女成了大群。
«پادىشاھلار ھەم قوشۇنلىرى بەدەر قېچىشتى، بەدەر قېچىشتى!» ــ [دېيىشتى]؛ ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار بولسا ئولجىلارنى بۆلىشىۋالىدۇ؛ | 12 |
统兵的君王逃跑了,逃跑了; 在家等候的妇女分受所夺的。
سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ؛ | 13 |
你们安卧在羊圈的时候, 好像鸽子的翅膀镀白银,翎毛镀黄金一般。
ھەممىگە قادىر خۇدا پادىشاھلارنى زېمىندا تىرىپىرەن قىلىۋەتكەندە، يەر زالمون تېغىدىكى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. | 14 |
全能者在境内赶散列王的时候, 势如飘雪在撒们。
باشان تېغى قۇدرەتلىك بىر تاغ، باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر؛ | 15 |
巴珊山是 神的山; 巴珊山是多峰多岭的山。
ئەي ئېگىز چوققىلىق تاغلار، نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز ماكانى قىلىشنى خالىغان تاغقا ھەسەت بىلەن قارايسىلەر؟ دەرۋەقە، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا مەڭگۈ تۇرىدۇ! | 16 |
你们多峰多岭的山哪, 为何斜看 神所愿居住的山? 耶和华必住这山,直到永远!
خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەن-تۈمەن، مىليون-مىليوندۇر؛ رەب ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ. | 17 |
神的车辇累万盈千; 主在其中,好像在西奈圣山一样。
سەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدۇڭ، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۆزۈڭ ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتىڭ؛ ياھ خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەتتا ئاسىيلىق قىلغانلار [ئارىسىدا تۇرۇشى] ئۈچۈنمۇ، سەن ئىنسان ئارىسىدا تۇرۇپ ئىلتىپاتلارنى قوبۇل قىلدىڭ. | 18 |
你已经升上高天,掳掠仇敌; 你在人间,就是在悖逆的人间,受了供献, 叫耶和华 神可以与他们同住。
رەب مەدھىيىلەنسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى يۈكلىرىمىزنى كۆتۈرمەكتە؛ يەنى نىجاتلىقىمىز بولغان تەڭرى! سېلاھ. | 19 |
天天背负我们重担的主, 就是拯救我们的 神, 是应当称颂的! (细拉)
بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر. | 20 |
神是为我们施行诸般救恩的 神; 人能脱离死亡是在乎主耶和华。
بەرھەق، خۇدا ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى يارىدۇ، ئۆز گۇناھلىرىدا داۋاملىق كېتىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئۇ چاقىدۇ. | 21 |
但 神要打破他仇敌的头, 就是那常犯罪之人的发顶。
رەب مۇنداق دېدى: «[ئۆز خەلقىمنى] باشان دىيارىدىنمۇ، دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىنمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ | 22 |
主说:我要使众民从巴珊而归, 使他们从深海而回,
شۇنداق قىلىپ [سەن خەلقىم]نىڭ پۇتى قانغا، يەنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ، ئىتلىرىڭنىڭ تىلى بۇنىڭدىنمۇ نېسىۋىسىنى [يالايدۇ]». | 23 |
使你打碎仇敌,你的脚踹在血中, 使你狗的舌头从其中得分。
ئۇلار سېنىڭ ماڭغانلىرىڭنى كۆردى، ئى خۇدا؛ يەنى مېنىڭ ئىلاھىم، مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرىنى كۆردى؛ | 24 |
神啊,你是我的 神,我的王; 人已经看见你行走,进入圣所。
ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى: | 25 |
歌唱的行在前,作乐的随在后, 都在击鼓的童女中间。
«جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار، ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» ــ دېيىشتى. | 26 |
从以色列源头而来的, 当在各会中称颂主 神!
ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار. | 27 |
在那里,有统管他们的小便雅悯, 有犹大的首领和他们的群众, 有西布伦的首领, 有拿弗他利的首领。
سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا! | 28 |
以色列的能力是 神所赐的; 神啊,求你坚固你为我们所成全的事!
يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ | 29 |
因你耶路撒冷的殿, 列王必带贡物献给你。
ئاھ، ھېلىقى قومۇشلۇقتىكى [يىرتقۇچ] جانىۋارنى، كۈچلۈكلەرنىڭ توپىنى، تائىپىلەردىكى تورپاقلارنىمۇ ئەيىبلىگەيسەن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەكىلىپ ساڭا تىز پۈكۈشىدۇ؛ ئۇرۇشخۇمار خەلقلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەيسەن! | 30 |
求你叱喝芦苇中的野兽和群公牛, 并列邦中的牛犊。 把银块踹在脚下; 神已经赶散好争战的列邦。
مۆتىۋەر ئەلچىلەر مىسىردىن كېلىدۇ، ئېفىئوپىيە بولسا خۇداغا قاراپ قوللىرىنى تېزدىن كۆتۈرىدۇ. | 31 |
埃及的公侯要出来朝见 神; 古实人要急忙举手祷告。
ئى يەر يۈزىدىكى ئەل-يۇرتلار، خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ رەبنى مەدھىيىلەپ كۈيلەرنى ئېيتىڭلار! (سېلاھ) | 32 |
世上的列国啊,你们要向 神歌唱; 愿你们歌颂主!
ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە، قەدىمدىن بار بولغان ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە مىنگۈچى توغرۇلۇق كۈي ئېيتىڭلار! مانا، ئۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈكتۇر! | 33 |
歌颂那自古驾行在诸天以上的主! 他发出声音,是极大的声音。
خۇدانى كۈچلۈك دەپ بىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئىسرائىل ئۈستىدە، ئۇنىڭ كۈچى بۇلۇتلاردا تۇرىدۇ؛ | 34 |
你们要将能力归给 神。 他的威荣在以色列之上; 他的能力是在穹苍。
ئى خۇدا، مۇقەددەس جايلىرىڭدىن سۈرلۈك كۆرۈنىسەن! ئىسرائىلنىڭ بىردىنبىر تەڭرىسى! خەلققە كۈچ-قۇدرەت بەرگۈچى بولسا، ئۇدۇر! خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! | 35 |
神啊,你从圣所显为可畏; 以色列的 神是那将力量权能赐给他百姓的。 神是应当称颂的!