نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، كۈي-ناخشا: ــ پۈتكۈل جاھان، خۇشاللىق بىلەن خۇداغا تەنتەنە قىلىڭلار! | 1 |
למנצח שיר מזמור הריעו לאלהים כל-הארץ |
ئۇنىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ناخشا قىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرىنى شەرەپلىك قىلىڭلار! | 2 |
זמרו כבוד-שמו שימו כבוד תהלתו |
خۇداغا: «سېنىڭ قىلغانلىرىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇقتۇر! قۇدرىتىڭ زور بولغاچ، دۈشمەنلىرىڭ ئالدىڭدا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ | 3 |
אמרו לאלהים מה-נורא מעשיך ברב עזך יכחשו לך איביך |
بارلىق يەر يۈزىدىكىلەر ساڭا سەجدە قىلىپ، سېنى كۈيلەپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ؛ ئۇلار نامىڭنى كۈيلەپ ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ» ــ دەڭلار! سېلاھ! | 4 |
כל-הארץ ישתחוו לך--ויזמרו-לך יזמרו שמך סלה |
كېلىڭلار، خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار؛ ئىنسان بالىلىرى ئالدىدا قىلغان كارامەتلىرى قورقۇنچلۇقتۇر. | 5 |
לכו וראו מפעלות אלהים נורא עלילה על-בני אדם |
ئۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛ [ئەجدادلىرىمىز] دەريادىنمۇ پىيادە ئۆتتى؛ بىز ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق. | 6 |
הפך ים ליבשה--בנהר יעברו ברגל שם נשמחה-בו |
ئۇ قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەللەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ؛ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار مەغرۇرلانمىسۇن! سېلاھ! | 7 |
משל בגבורתו עולם-- עיניו בגוים תצפינה הסוררים אל-ירימו (ירומו) למו סלה |
ئى قوۋملار، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار؛ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيە-ھەمدۇسانالارنى ياڭرىتىڭلار! | 8 |
ברכו עמים אלהינו והשמיעו קול תהלתו |
ئۇ جېنىمىزنى ھاياتلىق ئىچىگە تىككەن، پۇتلىرىمىزنى تېيىلدۇرۇشلارغا يول قويمايدۇ. | 9 |
השם נפשנו בחיים ולא-נתן למוט רגלנו |
چۈنكى سەن، ئى خۇدا، بىزنى سىنىدىڭ؛ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ. | 10 |
כי-בחנתנו אלהים צרפתנו כצרף-כסף |
سەن بىزنى تورغا چۈشۈردۇڭ؛ بېلىمىزگە ئېغىر يۈكنى يۈكلىدىڭ. | 11 |
הבאתנו במצודה שמת מועקה במתנינו |
خەقلەرنى بېشىمىزغا مىندۈردۈڭ؛ بىز ئوت ۋە كەلكۈننى بېسىپ ئۆتتۇق؛ سەن ئاخىر بىزنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ. | 12 |
הרכבת אנוש לראשנו באנו-באש ובמים ותוציאנו לרויה |
مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە كىرەي؛ ساڭا قىلغان قەسەملىرىمگە ئەمەل قىلىمەن؛ | 13 |
אבוא ביתך בעולות אשלם לך נדרי |
بەرھەق، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە لەۋلىرىم چىقارغان، ئېغىزىم ئېيتقان ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. | 14 |
אשר-פצו שפתי ודבר-פי בצר-לי |
مەن ساڭا بورداق ماللارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن، قوچقارلارنىڭ يېغىنى خۇش پۇرىتىپ كۆيدۈرىمەن؛ ئۆكۈز ۋە ئۆچكىلەرنى ئەكىلىپ سۇنىمەن. سېلاھ! | 15 |
עלות מיחים אעלה-לך עם-קטרת אילים אעשה בקר עם-עתודים סלה |
خۇدادىن ئەيمىنگۈچى ھەممىڭلار، كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىنى بايان قىلىمەن؛ | 16 |
לכו-שמעו ואספרה כל-יראי אלהים אשר עשה לנפשי |
ئاغزىم ئېچىپ ئۇنىڭغا پەرياد كۆتۈردۈم، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىغان مەدھىيىلەر تىلىمدا بولدى. | 17 |
אליו פי-קראתי ורומם תחת לשוני |
كۆڭلۈمدە گۇناھنى كۆزلەپ يۈرگەن بولسام، رەب [دۇئايىمنى] ئاڭلىمىغان بولاتتى. | 18 |
און אם-ראיתי בלבי-- לא ישמע אדני |
بىراق خۇدا ئاڭلىدى؛ ئۇ دۇئايىمغا قۇلاق سالدى. | 19 |
אכן שמע אלהים הקשיב בקול תפלתי |
خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ياغدۇرۇلسۇن! ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ياندۇرمىدى، ھەم مەندىن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئېلىپ كەتمىدى! | 20 |
ברוך אלהים-- אשר לא-הסיר תפלתי וחסדו מאתי |