< زەبۇر 60 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گۇۋاھلىق نىلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ (داۋۇت ئارام-ناھارائىم ۋە ئارام-زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، [ئۇنىڭ سەردارى بولغان] يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان) ئى خۇدا، سەن بىزنى چەتكە قاقتىڭ؛ بىزنى پارە-پارە قىلىۋەتتىڭ، سەن بىزدىن رەنجىدىڭ؛ ئەمدى بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغىن! | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup, «Guwaⱨliⱪ nilupǝri» degǝn aⱨangda oⱪulsun dǝp, Dawut yazƣan «Mihtam» küyi: — (Dawut Aram-Naⱨaraim wǝ Aram-Zobaⱨdiki Suriyǝliklǝr bilǝn jǝng ⱪilƣanda, [uning sǝrdari bolƣan] Yoab jǝnggǝ ⱪayta berip, «Xor wadisi»da Edomdikilǝrdin on ikki ming ǝskǝrni ⱪiliqliƣan qaƣda yezilƣan) I Huda, Sǝn bizni qǝtkǝ ⱪaⱪting; Bizni parǝ-parǝ ⱪiliwǝtting, Sǝn bizdin rǝnjiding; Əmdi bizni yeningƣa ⱪayturƣin!
سەن زېمىننى تەۋرىتىپ يېرىۋەتكەنىدىڭ؛ ئەمدى ئۇنىڭ بۆسۈكلىرىنى ساقايتقايسەن؛ چۈنكى ئۇ دەلدەڭشىپ كەتتى! | 2 |
Sǝn zeminni tǝwritip yeriwǝtkǝniding; Əmdi uning bɵsüklirini saⱪaytⱪaysǝn; Qünki u dǝldǝngxip kǝtti!
سەن ئۆز خەلقىڭگە كۈلپەت-خارلىقلارنى كۆرگۈزدۈڭ؛ سەن بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ. | 3 |
Sǝn Ɵz hǝlⱪinggǝ külpǝt-harliⱪlarni kɵrgüzdüng; Sǝn bizgǝ alaⱪzadilikning xarabini iqküzdüng.
سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛ ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ. (سېلاھ). | 4 |
Sǝn Ɵzüngdin ǝyminidiƣanlarƣa tuƣ tiklǝp bǝrgǝnsǝn; U ⱨǝⱪiⱪǝtni ayan ⱪilixⱪa kɵtürülidu. (Selaⱨ)
ئۆز سۆيگەنلىرىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، [دۇئايىمنى] ئىجابەت قىلغايسەن. | 5 |
Ɵz sɵygǝnliring nijatliⱪ tepixi üqün, Ong ⱪolung bilǝn ⱪutⱪuzƣaysǝn, [Duayimni] ijabǝt ⱪilƣaysǝn.
خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى [تەقسىم قىلىشقا] ئۆلچەيمەن. | 6 |
Huda Ɵz pak-muⱪǝddǝslikidǝ xundaⱪ degǝn: — «Mǝn tǝntǝnǝ ⱪilimǝn, Mǝn Xǝkǝm diyarini bɵlüp berimǝn, Sukkot wadisini [tǝⱪsim ⱪilixⱪa] ɵlqǝymǝn.
گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛ | 7 |
Gilead Manga mǝnsuptur, Manassǝⱨmu Manga mǝnsuptur; Əfraim bolsa beximdiki dubulƣamdur, Yǝⱨuda Mening ǝmr-pǝrman qiⱪarƣuqimdur;
موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛ فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!» | 8 |
Moab Mening yuyunux jawurumdur; Edomƣa qoruⱪumni taxlaymǝn; Filistiyǝ, Mening sǝwǝbimdin tǝntǝnǝ ⱪilinglar!»
كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟ | 9 |
Kim Meni bu mustǝⱨkǝm xǝⱨǝrgǝ baxlap kirǝlisun? Kim Meni Edomƣa elip baralisun?
ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ | 10 |
I Huda, Sǝn bizni rasttinla qǝtkǝ ⱪaⱪtingmu? Ⱪoxunlirimiz bilǝn billǝ jǝnggǝ qiⱪmamsǝn?
بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر! | 11 |
Bizni zulumlardin ⱪutuluxⱪa yardǝmlǝxkǝysǝn, Qünki insanning yardimi bikardur!
خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر! | 12 |
Huda arⱪiliⱪ biz qoⱪum baturluⱪ kɵrsitimiz; Bizgǝ zulum ⱪilƣuqilarni qǝyligüqi dǝl U Ɵzidur!