< زەبۇر 60 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گۇۋاھلىق نىلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ (داۋۇت ئارام-ناھارائىم ۋە ئارام-زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، [ئۇنىڭ سەردارى بولغان] يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان) ئى خۇدا، سەن بىزنى چەتكە قاقتىڭ؛ بىزنى پارە-پارە قىلىۋەتتىڭ، سەن بىزدىن رەنجىدىڭ؛ ئەمدى بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغىن! 1
To the Overseer. — 'Concerning the Lily of Testimony,' a secret treasure of David, to teach, in his striving with Aram-Naharaim, and with Aram-Zobah, and Joab turneth back and smiteth Edom in the valley of Salt — twelve thousand. O God, Thou hadst cast us off, Thou hadst broken us — hadst been angry! — Thou dost turn back to us.
سەن زېمىننى تەۋرىتىپ يېرىۋەتكەنىدىڭ؛ ئەمدى ئۇنىڭ بۆسۈكلىرىنى ساقايتقايسەن؛ چۈنكى ئۇ دەلدەڭشىپ كەتتى! 2
Thou hast caused the land to tremble, Thou hast broken it, Heal its breaches, for it hath moved.
سەن ئۆز خەلقىڭگە كۈلپەت-خارلىقلارنى كۆرگۈزدۈڭ؛ سەن بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ. 3
Thou hast shewn Thy people a hard thing, Thou hast caused us to drink wine of trembling.
سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛ ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ. (سېلاھ). 4
Thou hast given to those fearing thee an ensign. To be lifted up as an ensign Because of truth. (Selah)
ئۆز سۆيگەنلىرىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، [دۇئايىمنى] ئىجابەت قىلغايسەن. 5
That Thy beloved ones may be drawn out, Save [with] Thy right hand, and answer us.
خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى [تەقسىم قىلىشقا] ئۆلچەيمەن. 6
God hath spoken in His holiness: I exult — I apportion Shechem, And the valley of Succoth I measure,
گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛ 7
Mine [is] Gilead, and mine [is] Manasseh, And Ephraim [is] the strength of my head, Judah [is] my lawgiver,
موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛ فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!» 8
Moab [is] my pot for washing, over Edom I cast my shoe, Shout, concerning me, O Philistia.
كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟ 9
Who doth bring me [to] a city of bulwarks? Who hath led me unto Edom?
ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ 10
Is it not Thou, O God? hast Thou cast us off? And dost Thou not go forth, O God, with our hosts!
بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر! 11
Give to us help from adversity, And vain [is] the deliverance of man.
خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر! 12
In God we do mightily, And He treadeth down our adversaries!

< زەبۇر 60 >